ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا تازىلىق قەغىزى تالاشتا قالدى؟ ئامېرىكىلىق:مەنمۇ بىلمىدىم

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 14:40

 

 

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا يامرىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا ئامېرىكا خەلقى ئالاقزەدە بولۇپ ماللارنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ئادەتتىكى پۇقرالار تۇخۇم، گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن باشقا، تازىلىق قەغىزىنىمۇ تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈندۇر؟ 

 

 

«تازىلىق قەغىزى قالمىدى، كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار. 

تازىلىق قەغىزى سېتىلىپ بولدى، كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار. 

كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار، ئاشخانا قەغىزى، تازىلىق قەغىزى سېتىلىپ بولدى». 

ئامېرىكىدىكى ئامبار شەكىللىك بىر چوڭ زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، تاللا بازىرىنىڭ خادىملىرى چىقىپ يۇقىرىقى خەۋەرنى جاكارلىغاندا، تاللا بازىرىنىڭ ئېچىلغىنىغا تېخى ئەمدى ئون نەچچە مىنۇت بولغانىدى.

ئاممىنىڭ كىرىزىس تۇيغۇسى ئېغىرلىشىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تالىشىپ سېتىۋالماقتا

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتكە كىرىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە «ئەڭ قاتتىق» بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن 15 كۈن ئىچىدە «10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يىغىلىشىدىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىش»، «قاۋاقخانا، رېستوران ۋە يېمەك-ئىچمەك مەيدانىدىن يىراق تۇرۇش ھەمدە ساياھەتكە چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش»نى تەلەپ قىلدى. بۇ ئاممىنىڭ كىرىزىس تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، ئەتىگەندىلا تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت پەيدا بولدى. تاللا بازىرىدىكى نۇرغۇن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىلىپ بولدى. 

تاللا بازىرى گۈرۈچ، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشقا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويدى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت ئىككىنىلا سېتىۋېلىشى ھازىرقى ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت بىرنىلا سېتىۋېلىشىغا ئۆزگەرتىلدى.

 

بىر ئاي بۇرۇنلا ماسكا، پەلەي قاتارلىق قوغدىنىش بۇيۇملىرى سېتىلىپ بولغانىدى. ھازىر تاللا بازارلىرىدا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئەمما ھازىر ئامېرىكىلىقلار بەس-بەستە تازىلىق قەغىزىنى تالىشىپ سېتىۋالدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى. 

مەن بىر قىسىم لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدىم، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىكەن.

مەھەللىدىكى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئازراق لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويدۇم. 

 

نېمە ئۈچۈن تازىلىق قەغىزى سېتىۋېلىشقا كەلسەك، نۇرغۇن يەرلىك ئاھالە بۇنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 

مەن راستتىنلا چۈشەنمىدىم، مەن ئۇزۇندىن بېرى، تازىلىق قەغىزىنى نېمىشقا تالىشىپ سېتىۋالىدىغاندۇ، دەپ ئويلاۋاتىمەن؟ سۇنى تالىشىپ سېتىۋالسىغۇ توغرا چۈشىنەتتىم، لېكىن تازىلىق قەغىزىنىڭ نېمىشقا تالاشتا قالغانلىقىنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم.

مەنمۇ بىلمەيمەن، كىشىلەر بەك تەلۋىلىشىپ كەتتى. ئامېرىكىدا نۇرغۇن تازىلىق قەغىزى بار، بۇ چېكىدىن ئاشقان تەلۋىلىك، مەن كىشىلەرنىڭ نېمىشقا تازىلىق قەغىزىنى دەپ تەلۋىلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەنمىدىم.

تازىلىق قەغىزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قانداق تەسىرى بارلىقىنى بىلمىدىم، لېكىن باشقىلار سېتىۋالغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە تازىلىق قەغىزى بولغاچقا، مەنمۇ سېتىۋالدىم. 

 

ۋەھىمە كەيپىياتى ــ تازىلىق قەغىزىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. 

تازىلىق قەغىزى تۇرمۇش لازىمەتلىكى دەپ قارالغاندىن باشقا، ۋەھىمە كەيپىياتىمۇ كىشىلەرنىڭ تازىلىق قەغىزىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. مال جاھازىلىرىنىڭ قۇرۇقدىلىنىشى، ھەممەيلەننىڭ تازىلىق قەغىزى سېتىۋېلىشى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋىدىيولار، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەرلىك ئاھالىلەردە بەلگىلىك ۋەھىمە پەيدا قىلغان. 

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى تازىلىق قەغىزىنىڭ پەقەت %10 كانادا ۋە مېكسىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىكەن، ئامېرىكىدا تازىلىق قەغىزى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتىن ئاز دېگەندە 150ى بار بولۇپ، تازىلىق قەغىزى بىلەن تەمىنلەشتە مەسىلە كۆرۈلمەيدىكەن. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ تازىلىق قەغىزى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئاممىنىڭ تالىشىپ سېتىۋالماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاممىدىكى ۋەھىمە كەيپىياتىنى پەسەيتەلمىگەن.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمىشقا تازىلىق قەغىزى تالاشتا قالدى؟ ئامېرىكىلىق:مەنمۇ بىلمىدىم

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا يامرىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا ئامېرىكا خەلقى ئالاقزەدە بولۇپ