ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يازلىق تەتىل كەينىگە سۈرۈلەمدۇ ياكى بىكار قىلىنامدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 14:41

 

3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەتىرى تۆۋەن رايونلارنىڭ ئوقۇش باشلاش، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. 

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار سانى 10 مىليون 710 مىڭ

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كەينىگە سۈرۈشتە ئىككى چوڭ ئامىل ئويلىشىلغان

 

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: 2020-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار سانى 10 مىليون 710 مىڭ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئاي كەينىگە سۈرۈلدى. 

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشىدە ئاساسلىقى بۇ ئىككى نۇقتا ئويلىشىلغان. 

1. ساغلاملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەھىيە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلسە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەتىرى نىسبەتەن تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئون مىليون ئوقۇغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك تاللاش خاراكتېرلىك ئىمتىھان بولۇپ، چوقۇم ساغلاملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئەڭ پۇختا، خەتىرى ئەڭ كىچىك لايىھەنى قوللىنىپ، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

2. ئادىل بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە، بولۇپمۇ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، جايلار ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى ھەمدە تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆيىدە ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى ئومۇميۈزلۈك تەسىرگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ توردا ئۆگىنىش شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بولغاچقا، قىسمەن يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى تېخىمۇ زور تەسىرگە ئۇچرىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلسە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ، ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە مەكتەپتە مەركەزلىك ئوقۇپ، مائارىپ ئادىللىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 

 

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئاي كېچىكتۈرۈلدى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلدى

ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلدى، ئومۇمىي جەھەتتىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي كەينىگە سۈرۈلىدۇ، تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدۇ، مەخسۇس كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش ۋاقتىمۇ مۇناسىپ ھالدا كېچىكتۈرۈلىدۇ. تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى 9-ئاينىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلايدۇ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر 10-ئاينىڭ بېشىدا ئوقۇش باشلايدۇ.

 

ئۈچ شەرت قانائەتلەنمىسە ئوقۇش باشلانمايدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت، مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلىماسلىق، مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىشتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلىماسلىق، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ ئوقۇش باشلىماسلىق كېرەك. 

مەكتەپتە دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈلگەندە چوقۇم ماسكا تاقاشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. سىرتتا، تەنھەرىكەت مەيدانى، ئادەملەر ئانچە كۆپ بولمىغان، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىق بىر قەدەر چوڭ بولغان ئەھۋالدا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. 

قىشلىق، يازلىق تەتىل ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ

ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى قىشلىق، يازلىق تەتىلگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق؟ بۇنى ھەر قايسى مەكتەپ ۋە جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە دەرس ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ.

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    يازلىق تەتىل كەينىگە سۈرۈلەمدۇ ياكى بىكار قىلىنامدۇ؟

    3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەتىرى تۆۋەن رايونلارنىڭ ئوقۇش باشلاش، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.