ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇلاڭچىلىق قىلغان ساختا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى تۇتۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 15:22

 

 

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان قاتىل تۇتۇلدى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى خۇڭشەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى شياۋX خۇينى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى شياۋX خۇينىڭ توردا قىمار ئويناپ قەرز بولغان زور سوممىلىق پۇلنى قايتۇرالماي، بۇلاڭچىلىق قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىقلانغان. 

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شياۋX خۇي ئارغامچا، پىلاستىر قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ، رېشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ۋۇخەن شەھىرى خۇڭشەن رايونى لىداۋ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىغا كىرىپ پۇرسەت كۈتۈپ يوشۇرۇنۇپ تۇرغان. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ مەھەللىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ باشقىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەن، ئۇ مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق پەن XXكە زوراۋانلىق قىلىپ، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

كېيىن، شياۋX خۇي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىدىن نەق پۇل (خەلق پۇلى، ئامېرىكا دوللىرى، ياپونىيە يېنى)، مال سېتىۋېلىش كارتىسى ۋە باشقا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سوۋغاتلىق پۇللىرىنى بۇلاپ، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. 

3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج خ ئورگىنى خۇڭشەن رايونى گۇەنشى ئولتۇراق رايونىدا جىنايەت گۇماندارى شياۋX خۇينى تۇتقان.

دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، خۇبېيدىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنى بۇ دېلوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ۋۇخەن شەھەرلىك، خۇڭشەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىلىرى تېز سۈرئەتتە كەسپىي تايانچلارنى ئاجرىتىپ، بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جىنايەت گۇماندارى تۇتۇۋېلىنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ قانۇن بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن دېلونى بېجىرىشكە قاتنىشىپ، تەھقىقلەش، دەلىل-ئىسپات ئېلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەھقىقلەش خىزمىتىدە دەلىل-ئىسپات توپلاش، مۇقىملاشتۇرۇش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كونكرېت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاقىدار تارماقلار دېلو ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەپتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

كېيىنكى قەدەمدە، تەپتىش ئورگانلىرى بۇ دېلونى تەھقىقلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەھقىقلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دېلو دەلىل-ئىسپاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز، كەسكىن بېجىرىپ، دېلونىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. 

نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇلاڭچىلىق قىلغان ساختا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى تۇتۇلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۆيگە كىرىپ