ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توردىكى ئۈچ ئايلىق گۈرۈچىڭىزنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇڭنىڭ جاۋابى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 18:30

 

 

يېقىندا، توردا «بىكار ۋاقتىڭىزدا بازاردىن ئۈچ ئايلىق گۈرۈچ سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇڭ!» دېگەندەك چاقىرىقلار كۆپىيىپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى يۇقۇم يەر شارىدا ئاشلىق كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەن گەپ-سۆزلەرنىڭ تارقالغانلىقتىن ئىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ناچار ئەھۋال 4- ۋە 5-ئايدا كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئاساسى شۇكى، ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ئاشلىقنىڭ كۆپ جەھەتتە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايقىغان، مەسىلەن، ئاشلىق توشۇش ۋە ئۆي ھايۋانلىرى باقمىچىلىقى قاتارلىقلار. لېكىن ھازىرغا قەدەر، يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش يەنىلا يېتەرلىك بولۇپ، ئاشلىق كەسپى ئىنتايىن كىچىك زەربىگە ئۇچرايدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: ئامېرىكا «فىچ» مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ قارىشىچە، تەرەققىي قىلغان بازارلاردا، دانلىق زىرائەت تېرىش ئادەتتە نوپۇس زىچلىقى تۆۋەن بولغان چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا قانات يايدۇرۇلىدىكەن، ئاسانلىقچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن؛ ئاچقۇچلۇق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ كىلىمات شارائىتى ياخشى بولغاچقا، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە زىرائەتلەردىن ھوسۇل ئېلىشتا يەنىلا ئۈمىد زور بولۇپ، ئاشلىق نىسبەتەن يېتەرلىك بولىدىكەن. لېكىن ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، مەسىلەن، پالما مېيى قاتارلىق تېرىقچىلىق ۋە گۆش بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدىكى خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ۋاقىتلىق قامال قىلىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك ئىكەن. «فىچ» مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى شۇكى، گەرچە مەلۇم تۈردىكى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن ھەددىدىن زىيادە بېسىۋېلىش ياكى سودىنى چەكلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئاشلىق كىرىزىسى خەتىرى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقۇم جۇڭگودا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش جىددىيچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامۇ؟ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ جىددىيچىلىككە ئۇن گۈرۈچ بېسىۋېلىپ تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

دۆلەت ئاشلىق-ياغ ئۇچۇر مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ لياۋۋېي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: 

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا بازاردىكى ئاشلىق باھاسىدا بىر نەچچە قېتىم پەلەك پويىزى شەكلىدىكى زور داۋالغۇش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىزدە ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىنغاچقا، تەمىنات ۋە ئامبار زاپىسى يېتەرلىك، كاپالەت كۈچلۈك، ئاشلىق بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم بولۇپ، ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، بىر يىلدا ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 663 مىليون 840 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 5 مىليون 940 مىڭ توننا ئېشىپ، %0.9 ئۆرلىدى. ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق تەمىناتى ۋە ئېھتىياجى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغىلى، شۇنداقلا زور تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ سىنىقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ».
ۋاڭ لياۋۋېي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا بەش يىل مۇقىم ھالدا 650 مىليون توننىدىن ئاشتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشلىق زاپاس ساقلاش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك بولدى، بۇغداي، شال قاتارلىق ئاشلىق سورتلىرىنىڭ زاپىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاشلىق-ياغ بازىرىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق-ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، ئاشلىق-ياغ بازىرىدا تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالمىدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق-ياغ بازىرى مۇقىم، تەرتىپلىك يۈرۈشتى.
جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تامىقى گۈرۈچ ۋە ئۇندىن ئايرىلالمايدۇ. ۋاڭ لياۋۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىزدە شال بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، 2019-يىلىدىكى شال مەھسۇلاتى 209 مىليون 600 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئۇدا نەچچە يىل ئاشقان؛ بۇغداي مەھسۇلاتى ئۇدا نەچچە يىل ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولغان، 2019-يىلىدىكى بۇغداي مەھسۇلاتى 134 مىليون توننىغا يېتىپ، تارىختىكى ئىككىنچى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئۇدا بەش يىل 130 مىليون توننىدىن ئاشقان.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    توردىكى ئۈچ ئايلىق گۈرۈچىڭىزنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇڭنىڭ جاۋابى

    يېقىندا، توردا «بىكار ۋاقتىڭىزدا بازاردىن ئۈچ ئايلىق گۈرۈچ سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇڭ!» دېگەندەك چاقىرىقلار كۆپىيىپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى يۇقۇم يەر شارىدا ئاشلىق كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەن گەپ-سۆزلەرنىڭ تارقالغانلىقتىن ئىكەن.