ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپ: كەلگۈسى ئىككى ھەپتىدە ئامېرىكا زور قىيىنچىلىققا پاتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 18:32

 

 

 

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئاقسارايدا يۇقۇم ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، تىرامپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىزچىل يامراۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ”ئىنتايىن مۈشكۈل ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزىمىز“ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

 

سۈرە

تتە: تىرامپ ئاقسارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا( سۈرەت مەنبەسى:CNN)

 

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ”مەن ھەربىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ئىنتايىن مۈشكۈل ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزىمىز “، ”مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىدىكىگە ئوخشاش، تىرىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تونېلنىڭ ئۇ بېشىدىكى ھەقىقىي يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن بۇ ناھايىتىمۇ مۈشكۈل ئىككى ھەپتە بولىدۇ“.
شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاقساراي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ھالقىلىق ئەزاسى، ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەل مۇتەخەسسىسى ئانتونىي فاۋسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا 100 ئادەمنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىدەك ئاقىۋەتكە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك. ”بۇ سان ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭغا ھازىرلىق كۆرۈشىمىز لازىم. مەن ئۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھالبۇكى، بىز قانچە تىرىشىپ تاقابىل تۇرساق، بۇ ساننىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى شۇنچە كىچىكلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك“. ”بۇ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ قوبۇل قىلالايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىز (ئۆلگەنلەر سانىنىڭ) بۇ ساندىن تۆۋەن بولۇشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالىمىز.“
ئامېرىكا جون ھوپكىنس داشۆسى ئېلان قىلغان ئەمەلىي ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 8گە قەدەر، دۇنيا بويىچە 850 مىڭ 487 ئادەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان. ئامېرىكىدىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بىمار ھېلىھەم دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 188 مىڭ 172 ئادەمگە يەتكەن، ئۆلگەنلەر 3873، ساقايغانلار 7024 ئىكەن. ئالدىنقى كۈنى سائەت 6 يېرىمدىكى سانلىق مەلۇماتقا سېلىشتۇرغاندا، 28 مىڭ 152 ئادەم يېڭىدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇدا ئىككى كۈن 20 دىن ئارتۇق كۆپەيگەن، ئۆلگەنلەر 920 كۆپەيگەن.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    تىرامپ: كەلگۈسى ئىككى ھەپتىدە ئامېرىكا زور قىيىنچىلىققا پاتىدۇ

    شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئاقسارايدا يۇقۇم ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، تىرامپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىزچىل يامراۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ”ئىنتايىن مۈشكۈل ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزىمىز“ دەپ ئاگاھلاندۇردى.