ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇردىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 18:33

 

 

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېقىندا «ياپونىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان يۇقۇم سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى» دېگەن گۇمانىي قاراشلار پەيدا بولدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئاخبارات 1 + 1» پىروگراممىسىدا، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇڭ شۈەنيوۋ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياپونىيەدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھازىرچە «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى، كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىك بولغان بىمارلارنىڭ تېگى-تەكتى ئېنىق سۈرۈشتۈرۈلمىدى، بۇ بىر قەدەر چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ، بۇنىڭغا قارىتا ياپونىيەدە ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بارلىققا كەلدى.

لېكىن كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا يۇقۇم ئەھۋالىنى قەستەن يوشۇرۇش-يوشۇرماسلىق ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىدۇر. ياپونىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاساسلىق تاراتقۇلار ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەپەككۇرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلدى، باھالاش دوكلاتىدىمۇ ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.
كۇڭ شۈەنيوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىش، چوققا قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى يولغا قويۇپ، چەكلىك داۋالاش بايلىقىنى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلەتتى. ياپونىيە خەلقىمۇ بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى، خەلقنىڭ كۈندىلىك تازىلىق ئادىتى، مۇداپىئە ئېڭى ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇلار ياخشى تەرەپلەر ھېسابلىنىدۇ.
شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10:30غا قەدەر، ياپونىيەدىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمار 2233كە يەتتى، ئېشىش نىسبىتى بىر قەدەر تەكشى بولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇردىمۇ؟

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېقىندا «ياپونىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان يۇقۇم سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى» دېگەن گۇمانىي قاراشلار پەيدا بولدى.