ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىل مۇخبىرلار ۋەكىل، ئەزالارنى قانداق زىيارەت قىلىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:10

 

ئالاھىدە مەزگىلدىكى «پەۋقۇلئاددە» ئىككى يىغىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. يىغىن ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈش، يىغىن ۋاقتى مۇۋاپىق قىسقارتىلىشتىن باشقا، ئاخباراتچى دوستلارنىڭ زىيارەت ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ناھايىتى چوڭ!

«جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئاممىۋى سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن، بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى ئاساسلىقى تور، سىن، يازما شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

«يۈزتۇرا» زىيارەت قىلغىلى بولمىسا، مۇخبىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئامما خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ئەھۋالىنى قانداق قىلىپ ۋاقتىدا ئىگىلىيەلەيدۇ؟ 

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى ھەر قايسى ۋەكىل، ئەزالارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردا تور سىن زىيارەت ئىشخانىسى قۇرۇلغان بولۇپ، مۇخبىلار تور سىن زىيارەت سۇپىسى ئارقىلىق، مەسىلەن، تېڭشۈن يىغىن ئېچىش APP ى، دىڭدىڭ، QQ، ئۈندىدار، ZOOM قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ، ۋەكىل، ئەزالارنى زىيارەت قىلىدىكەن. مۇشۇنداق ئېكران زىيارىتى قىلىش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان جايدىكى بىر نەچچە مۇخبىر بىر ۋەكىل ياكى ئەزا بىلەن ھەر ۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرالايدىكەن.

ئۇنداقتا سىنلىق زىيارەت ئۆيى قانداقتۇ؟ مۇخبىرلار زىيارەتنى قانداق قىلىدۇ؟ قېنى مۇخبىر بىلەن بىللە كۆرۈپ باقايلى!

 

 

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    بۇ يىل مۇخبىرلار ۋەكىل، ئەزالارنى قانداق زىيارەت قىلىدۇ؟

    ئالاھىدە مەزگىلدىكى «پەۋقۇلئاددە» ئىككى يىغىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. يىغىن ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈش، يىغىن ۋاقتى مۇۋاپىق قىسقارتىلىشتىن باشقا، ئاخباراتچى دوستلارنىڭ زىيارەت ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ناھايىتى چوڭ!