ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

5G مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم كارتا ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:11

 

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 5G سودا نومۇر تاختىسى تارقاتتى. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ تېلېگراف تىجارەت سودىگىرى بولغان جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 5G سودا مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى، ئىشىنىمىزكى 5G تورىنىڭ سۈرئىتىنى نۇرغۇن كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلىپ بولغان.

4Gدىن 5Gغا ئۆتۈشتە، ئۈچ چوڭ تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ ھەممىسى كارتا ۋە نومۇر ئالماشتۇرماي تۇرۇپلا دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، دېيىشتى. نۇرغۇن يانتېلېفون ئابۇنىتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، 5G مۇلازىمىتىنىڭ بارچە تەييارلىقى پۈتكەن بولۇپ، پەقەت 5G يانتېلىفونىلا كەم بولۇپ قالدى.

بىراق، جۇڭگو تېلېگرافى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈلدى: «ھازىر بار بولغان 4G كارتىسى 5G تورىنىڭ ئۇچۇر ۋە بىخەتەرلىك تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا 5G تورىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنىلا SIM كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك». بۇ قاراش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، راستتىنلا شۇنداقمۇ؟ 5G مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە يانتېلفون SIM كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ 

جۇڭگو تېلېگرافى ئاق تاشلىق كىتابىدا 5G كەسپىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن SIM كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. جۇڭگو تېلېگرافى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى

جۇڭگو تېلېگرافى ئېلان قىلغان «تۇنجى5G  SA بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش SIM كارتىسى ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى باسقۇچتا ئابۇنىتلار تىجارەت سودىگەرلىرى تارقاتقان 4G كارتىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق 5G تورىغا كىرگەن، لېكىن ھازىر بار بولغان 4G كارتىسىدا 5G ئۆلچىمىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن يېڭى ئىقتىدار ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كارتا ھۆججىتى ۋە مۇلازىمىتى كەمچىل بولۇپ، ئابۇنىتلارنىڭ سالاھىيەت سانلىق مەلۇماتى خەۋەرلىشىش جەريانىدا ئاشكارا يوللىنىپ، ئورۇن ئۇچۇرى دەل جايىدا بولماي، 5G تورىنىڭ ئۇچۇر ۋە بىخەتەرلىك تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

جۇڭگو تېلېگرافى بازار بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار كەسىپ مەسئۇلى گۇي شۈەن مۇنداق دېدى: «ئاق تاشلىق كىتاب»تا مۇنداق قارالدى: 5G تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە 5G تورىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان SA 5G (مۇستەقىل تور)نىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئابۇنىتلارنىڭ سالاھىيىتىنى مەخپىي قوغداش قاتارلىق ئىقتىدارنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئابۇنىتلار سانلىق مەلۇماتى ۋە كەسىپ قوللىنىشنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، تىجارەتچىلەرنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ كۆچمە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«ئاق تاشلىق كىتاب»نىڭ ئېلان قىلىنىشى نۇرغۇن پەرەزلەرنى پەيدا قىلدى. بەزى تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش تىجارەت سودىگەرلىرى ئېيتقان 5G تورىنى ئىشلەتكەندە كارتا ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز دەيدىغان قاراش بىلەن زىت كېلىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، گۈيشۈەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر خىل خاتا چۈشەنچە.

گۈي شۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر 4G ئابونتلىرىنىڭ كارتا ئالماشتۇرۇشى ھاجەتسىز، پەقەت 5G يانتېلېفونىغا ئالماشتۇرسىلا، 5G سىگنالى قاپلىغان رايونلاردا 5G كەسپىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 

ئۇنداقتا، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 5G بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش SIM كارتىسى قانداق ئىش؟ گۇي شۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش» بولسا 5G مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم كارتا ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ كارتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى بولغان−خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى تېلېگراف تىجارىتى سودىگەرلىرىنى 5G تورىغا ئۇلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

گۈي شۈەن: «ئاق تاشلىق كىتاب»قا ئاساسەن، ئابونتلارنىڭ سالاھىيىتى 5G تورىدا پەقەت SUCI شىفىرلاشتۇرۇپ يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ 5G تورىدىكى ھەر خىل تۇتاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، مەسىلەن، سانائەت تورى ئۈسكۈنىلىرى، توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن سالاھىيەت بەلگىسى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، 5G نىڭ SUCI شىفىرلاشتۇرۇپ ھېسابلاش لايىھەسى ئارقىلىق ئابۇنىتلارنىڭ سالاھىيەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداپ، ئىز قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، جۇڭگو تېلېگرافى كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن بىرلىشىپ، ئاق تاشلىق كىتابقا ئاساسەن 5G بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش SIM كارتىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىنىقى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ، كەلگۈسىدە SA تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش سۈرئىتىگە ئەگىشىپ، ئېھتىياجلىق كەسىپلەرنىڭ قوللىنىشىغا بىرلەشتۈرۈپ ماس قەدەمدە يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 5G بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش SIM كارتىسىنىڭ ئاساسلىقى كەسىپكە يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئابۇنىتلارغا تەسىس قىلىنمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

گۇي شۈەن: جۇڭگو تېلېگرافى 5G بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش كارتىسى ئادەتتىكى ئابۇنىتلارغا قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بىخەتەرلىك ئومۇمىي ئېھتىياجى بولغان ئەمەلىي كۆرۈنۈشكە يۈزلەنگەن، مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، ئاپتوموبىل تورى، يىراقتىن داۋالاش، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىلغان.

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ۋە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى تەرەپمۇ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى:

ئادەتتىكى ئابۇنىتلار 5G ئىشلىتىدۇ 

SIMكارتىسىنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز  بولۇپ، پەقەت يانتېلېفوننى ئالماشتۇرسىلا بولىدۇ. 

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەھلىل قىلدى: كەلگۈسىدە SA بىخەتەرلىك كۈچىيىش SIM كارتىسى بەلكىم 5G مەھسۇلات باھاسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن 

خەۋەرلىشىش مۇتەخەسسىسى فۇلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان 5G يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى SIM كارتىسىنى قوللايدۇ، كارتا ئالماشتۇرمايدۇ، نومۇر ئالماشتۇرمايدۇ، 5G يانتېلېفونىنى ئالماشتۇرسا ھەم  5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىگە ئالماشتۇرسا، 5G يۇقىرى سۈرئەتلىك تورىغا چىقىشنى قوللايدۇ، 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى ئالماشتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، تور ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە 5G يۇقىرى سۈرئىتىنى ھېس قىلالايدۇ.

فۇ لياڭ: ھازىر ئېلىمىز تىجارەت سودىگەرلىرى مۇستەقىل تور تەشكىللەشنى باشلىدى، لېكىن مۇستەقىل تور تەشكىللەش ئوخشاشلا SA  5G يانتېلېفون+ئەسلىدىكى SIM كارتىسىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى SIM كارتىسىنىڭ يەنىلا رولى بار.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، SA بىخەتەرلىكى كۈچەيتىلگەنلىكى ئۈچۈن SIM كارتىسى ئۇلاش ئۈسكۈنىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سالاھىيەت شەخسىي سىرى قوغدىلىپ، ئىز قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنالايدۇ. يۇقىرى زىچلىقتا تۇتاشتۇرۇلغان نەرسە تورى كۆرۈنۈشىدە، بۇنداق SIM كارتىسى كەسپىي ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى بىر تۇتاش كەسپىي ئۇلاش ئىسپات بېرىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەپ، بىخەتەرلىك سانلىق مەلۇمات يولى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، فۇلياڭنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە بۇنداق SIM كارتىسى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشسە، بەلكىم 5Gگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

فۇ لياڭ: كەلگۈسىدە يان تېلېفون ئابونتلىرى بۇ خىل بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىدىغان SIM كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، زور تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغاچقا بەلكىم يەككە باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا تىجارەت سودىگەرلىرى ھەقسىز ياكى ئىنتايىن تۆۋەن باھادا ئابونتلارغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. سىز ئالماشتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا 4G دىكى SIM كارتىسىنى ئىشلەتسىڭىز، تىجارەت سودىگىرى تەرەپ سىزنىڭ 5G ئىشلىتىشىڭىزنى چەتكە قاقمايدۇ. ئومۇمەن، 5G يانتېلېفونىدا 4G كارتىسى ئىشلىتىش، 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدە كارتا ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز، كەلگۈسىدە ئەگەر كارتا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، تىجارەتچىلەرمۇ قولايلىق بولغان ئالماشتۇرۇش يوللىرى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن باھا بىلەن تەمىنلەپ، ئابۇنتلارنىڭ تەدرىجىي ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    5G مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم كارتا ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟

    2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 5G سودا نومۇر تاختىسى تارقاتتى.