ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋىدېيو ئەزالاريىغىندىن مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ھېس قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 11:27

تورداشلار، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى، بۇنىڭ بىلەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن رەسمىي باشلاندى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزالار بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۈستىدە توختالغاندا، مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بىرىنچى، ئالاھىدە. بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك كېچىكتۈرۈلدى، ھەمدە يىغىن ۋاقتىمۇ قىسقاردى، كۈنتەرتىپ، قارالمىلار تېخىمۇ ئىخچاملاندى، ھەتتا رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىمۇ قىسقارتىلدى.

ئىككىنچى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بۇ سۆز ھەممەيلەنگە ناھايىتى تونۇش. ئەزالار بۇ قېتىم يىغىنغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ دائىملاشقانلىقىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدى. 

ئۈچىنچى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەۋسىيەسى مەيلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا جەھەتتە بولسۇن، يادروسى دۆلىتىمىزنىڭ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشىغا قانداق ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتى.

بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ياخشى پىكىر-تەكلىپلىرى بار، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

خاتىرجەملىك، نورمال تۇرمۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخت.

ھەممىمىز بىرنىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيمىز، دۆلىتىمىز، تۇرمۇشىمىز نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有