ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋىدېيو 70يىللىق تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 16:04

 

 

 

 

 

5-ئاينىڭ 22-كۈنى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا مىللىي تىلدا پىروگرامما تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 70يىللىقى. 1950-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى زاڭزۇ تىلىدىكى تۇنجى رادىيو ئاۋازى قارلىق ئېگىزلىكتە ياڭرىدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگونىڭ مىللىي رادىيو ئىشلىرى دۇنياغا كەلدى. 70 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن تىللىرىدىكى پىروگراممىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاۋازىنى ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان چېگرا رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا تارقىتىپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياخشى جامائەت پىكىرى مۇھىتى يارىتىپ بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مىللىي تىلدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر تەشۋىقاتىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مول، رەڭدار مەزمۇنلۇق خەۋەر ۋە مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ۋىدېيو 70يىللىق تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك

    5-ئاينىڭ 22-كۈنى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا مىللىي تىلدا پىروگرامما تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 70يىللىقى.