ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاجرىشىشتىن بۇرۇنقى 30 كۈن ئويلىنىش ۋاقتىغا قانداق قارايسىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 16:11

 

 

 

 

 

«ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ قامۇسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن پات ئارىدا قاراپ چىقىشقا تاپشۇرۇلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 

 

 

ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى (لايىھە)» جەمئىي يەتتە قىسىم بولۇپ، تەرتىپ بويىچە ئومۇمىي پىرىنسىپ، نەرسە ھوقۇقى، توختام، كىشىلىك ھوقۇق، ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە، ۋارىسلىق، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، 

ئۇنداقتا يېڭى ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىگە زادى قانداق يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى؟ 

مىراس دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈكمۇ مىراس دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

بۇ قېتىمقى ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىدە مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش دائىرىسى ئۆزگەرتىلىپ، «ۋارىسلىق قانۇنى» دىكى مىراس دائىرىسى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى، ئۆي-ئىمارەت، دەل-دەرەخ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىقلار بىر-بىرلەپ مىسال كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىۋېتىلدى ھەمدە مىراس دائىرىسى «مىراس تەبىئىي شەخس ئۆلگەندىن كېيىن قېپقالغان شەخسىي قانۇنلۇق مال-مۈلۈك» قىلىپ كېڭەيتىلدى.

قانۇن چىقىرىشتا ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، تەبىئىي شەخس قانۇنلۇق ئېرىشكەن مال-مۈلۈك بولسىلا مىراسقا تەۋە بولىدۇ ھەم ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ، بۇ خۇسۇسىي مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ئېھتىياجىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنغانلىق بولۇپ، توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈك، مەۋھۇم پۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىگە يىغىنچاقلانغان 

بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇن تورداشلار بەس مۇنازىرىگە چۈشكەن:

ئاخىرى مۇرادىمىزغا يېتىپ، ئويۇنغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان بولدۇق» 

«ئويۇن جابدۇقلىرىدىن قورقمايمىز، پەقەت ئويۇن جابدۇقلىرىلا مىراس قېلىشتىن قورقىمىز»

قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، جىيەن تۇغقانلارمۇ ۋاكالىتەن ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

ھازىرقى ۋارىسلىق قانۇنىدا ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كېتىپ، قانۇنىي ۋارىسلىق قىلىش شەكىللەنگەندە، ئەگەر جورىسى، پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى، بوۋا-مومىلىرى بولمىسا، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئەۋلادلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا مىراس ئاخىرقى ھېسابتا ئومۇمنىڭ بولىدۇ. 

بۇ بەلگىلىمە ئەمەلىيەتتە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بەلگىلىمە بولۇپ، جىيەن تۇغقانلارمۇ ۋاكالىتەن ۋارىسلىق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جەمەتنىڭ مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

بەزى ئامما بۇ ئۆزىنىڭ نەۋرە ئاكا-سىڭىللار بىلەن بىرلىكتە ئاتا-ئانىسىنىڭ مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ دەپ سورىغان.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ماددىنىڭ كۆپىيىشى پەرزەنتلەرنىڭ قانۇنىي ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ رەت تەرتىپى بولىدۇ، پەقەت بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلار ۋارىسلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئىككىنچى رەتتىكى ۋارىسلار ۋارىسلىق قىلىدۇ.

ئاجرىشىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئىلتىماس تاپشۇرۇش، يەنە 30 كۈن ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئويلىشىش. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئاجرىشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى، دۆلىتىمىزدە تىزىمغا ئېلىنغان ئاجراشقانلار تۆت مىليون 154 مىڭ جۈپكە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېنىكلىك بىلەن ئاجرىشىش، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاجرىشىش ھادىسىلىرى ئاز ئەمەس. بۇنىڭغا قارىتا، ھازىر تۈزۈلۈۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى «ئاجرىشىش سوغۇققانلىق مەزگىلى»نى ئۆيلىنىش ئائىلە قىسمىنىڭ تىزىملاپ ئاجرىشىش تەرتىپىگە كىرگۈزدى.

لېكىن يەنە بەزىلەر ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلىدە پەرقلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىق دېلولاردا ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مۇددىتى تەسىس قىلماسلىق كېرەك، دەپ قارىدى.

لېكىن توردىكى 14 مىڭ تورداش قاتناشقان بېلەت تاشلاشتا، 10 مىڭ تورداش ئايرىلىش كېرەك دەپ قاراپ، «ئاجرىشىشتا سوغۇققان بولۇش مەزگىلى» گە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان. بۇ تۈردىكى بېلەت تاشلاش كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئېرىشكەن.، بەزى تورداشلار: «ئاجرىشىش چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق چىقىرىلغان نەتىجە» دېيىشكەن.

بەزى تورداشلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاجرىشىش ياكى ئاجراشماسلىق شەخسنىڭ تاللىشى، ئەمما قانداق تاللاش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇناسىۋەتنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان ئېھتىياجى ۋە قارشى تەرەپكە نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئويلاش كېرەك. ھەمدە ئالدى بىلەن ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقىلاردىن زىيادە تەلەپ قىلماسلىق ياكى ئۆزى زىيادە بەدەل تۆلىمەسلىك كېرەك. 

يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىرقى جەمئىيەت ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جەمئىيەت. ئاجرىشىشقا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن. ئەگەر ئىلگىرىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئاجرىشىشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى «قايتا قايتا ئويلىنىش» دېسەك، ھازىرقى ياشلارنىڭ ئاجرىشىشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى «خىل كەلمىسىلا ئاجرىشىش، دەرھال ئاجرىشىش» دېيىشكە بولىدۇ.

قەستەن ئىتنى كۈشكۈرتۈپ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋالغاندا ئىت ئىگىسىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىشى ياكى جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار.

ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قىسمىدا مەخسۇس «ھايۋانلارنى بېقىپ زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىقى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا بەزى تورداشلار ئەگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغۇچى ئەرمەك ھايۋانلارنى قەستەن كۈشكۈرتۈپ، ئازدۇرۇپ يارىلاندۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ھايۋان باققۇچىلار ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمامدۇ؟ دەپ سورىغان.

بۇ نۇقتىغا قارىتا، «ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى (لايىھە)» نىڭ 1246-ماددىسىدا «باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەرمەك ھايۋانلارغا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن، لېكىن زىياننىڭ كېلىپ چىقىشى ھوقۇقى دەخلى-تەرزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ قەستەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ»، يەنى بۇ خىل ئەھۋالدا ئەھۋالغا قاراپ باققۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدۇ، ئەمما جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر كىچىك تەپسىلات بار بولۇپ، «بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىق» كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدىغان يېتىلەش ئارغامچىسى ئىشلەتمەسلىكتىن باشقا، ۋاكسىنا ئەملەتمەسلىك، ئۆتكۈر تىرناقنى ئوڭشىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمما ئوۋ ئىتى قاتارلىق خەتەرلىك ھايۋانلار، مەمۇرىي تارماقلار بەلگىلىگەن بېقىش چەكلەنگەن ئىت، زەھەرلىك يىلان، زەھەرلىك پاقا قاتارلىقلار باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، مەيلى ھوقۇقى دەخلى-تەرزگە ئۇچرىغۇچى قەستەن ھايۋاننى كۈشكۈرتكەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، باققۇچىنىڭ ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ياكى يېنىكلىتىشكە بولمايدۇ.

يۇقىرىدىن نەرسە تاشلىسا كىمنىڭ تاشلىغانلىقىنى تاپقىلى بولمىسا تاشلاش ئېھتىماللىقى بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىدىن نەرسە تاشلىغاندا ھەرخىل ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى لايىھەسىدە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى توغرىسىدا مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىلغان: ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، مەسئۇل كىشىنى ئېنىقلىشى كېرەك؛ ئىمارەت باشقۇرغۇچىلار زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغان بولسا، قانۇن بويىچە بىخەتەرلىك كاپالىتى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇقىرىدىن نەرسە تاشلاش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ۋەقەلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ، «بوشلۇقتىكى بىخەتەرلىك» پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ساھەسىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا، ئالاقىدار مەزمۇنلار تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بەلگىلىمىدە «ئىمارەتلەردىن نەرسە تاشلاشنى مەنئى قىلىش» ئېنىق بەلگىلەندى، يۇقىرىدىن نەرسە تاشلاشنى رەت قىلىش بىر خىل تەشەببۇس ئەمەس، بەلكى قانۇن قاتلىمىدىكى بىر تۈرلۈك چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولۇپ قالدى.

ھەقىقىي جاۋابكارنى جەزملەشتۈرۈش قېيىن بولۇش ئىزچىل يۇقىرىدىن نەرسە تاشلاپ باشقىلارنى يارىلاندۇرۇش دېلوسىنىڭ بىر چوڭ قىيىن نۇقتىسى. تۆۋەندىكىسى مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن نەرسە تاشلاش بىرىنچى دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى: 

2000-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، خاۋ xx ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۇقىرىدىن چۈشكەن كۈلدان سەۋەبلىك يارىلانغان. بەش ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالغان. دېلوغا چېتىشلىق كۈلداننى قايسى قەۋەتتىكى قايسى ئائىلە تاشلىۋەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغاچقا، خاۋ xx نىڭ ئايالى تاشلاش گۇمانى بار 22 ئائىلىلىك قوشنىسىنى سوتقا ئەرز قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى 22 ئائىلىنىڭ ھەربىرىگە 8101.5 يۈەندىن تۆلەم تۆلەش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.

شۇڭا، لايىھەدە ئالاھىدە مۇنداق بەلگىلەندى: «بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا مەسئۇل كىشىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لايىھەدە يەنە «ئىمارەت باشقۇرغۇچى زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان بولسا، قانۇن بويىچە بىخەتەرلىك كاپالەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.» 

ئەگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارى تېپىلسا، ئۇنداقتا ئىلگىرى تۆلەم بەرگەن، زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى لايىھەدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاجرىشىشتىن بۇرۇنقى 30 كۈن ئويلىنىش ۋاقتىغا قانداق قارايسىز

«ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ قامۇسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن پات ئارىدا قاراپ چىقىشقا تاپشۇرۇلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.