ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۈنۈگۈن بېيجىڭدا يەتتە بىمار كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:33

 

28-ئىيۇن سائەت 0 دىن 24 گىچە، بېيجىڭدا دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىماردىن يەتتىسى، گۇمانىي بىماردىن تۆتى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى كۆپەيدى. چېگرا سىرتىدىن كىرگەن دىياگنوز قويۇلغان بىمار، گۇمانىي بىمار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق بىمار يېڭىدىن بايقالمىدى.

11-ئىيۇن سائەت 0 دىن 28-ئىيۇن سائەت 24 گىچە، دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىمار 318، دوختۇرخانىدا داۋالىتىۋاتقىنى 318، كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق بىمار 26؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن دىياگنوز قويۇلغان بىمار، گۇمانىي بىمار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق بىمار يوق.

يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن بەشى فېڭتەي رايونىدا، ئىككىسى داشىڭ رايونىدا.

بېيجىڭ شەھىرىدىكى 14 رايوندا دىياگنوز قويۇلغان بىمار كۆپەيمىدى. كونكرېت ئېيتقاندا، پىڭگۇ رايونىدا يۇقۇم بايقالغاندىن بۇيان، دىياگنوز قويۇلغان بىمار بايقالمىدى. باشقا رايونلاردا دىياگنوز قويۇلغان بىمار بايقالمىغىنىغا: يەنچىڭ رايونىدا 157 كۈن، خۈەيرۇ رايونىدا 143 كۈن، شۈنيى رايونىدا 141 كۈن، مىيۈن رايونىدا 138 كۈن، شىجىڭشەن رايونىدا 14 كۈن، مېنتۇگۇ رايونىدا 13 كۈن، فاڭشەن رايونىدا 13 كۈن، دۇڭچىڭ رايونىدا 12 كۈن، تۇڭجۇ رايونىدا سەككىز كۈن، چاۋياڭ رايونىدا يەتتە كۈن، شىچىڭ رايونىدا ئالتە كۈن، خەيدىيەن رايونىدا ئۈچ كۈن، چاڭپىڭ رايونىدا ئۈچ كۈن بولدى.

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۈنۈگۈن بېيجىڭدا يەتتە بىمار كۆپەيدى

28-ئىيۇن سائەت 0 دىن 24 گىچە، بېيجىڭدا دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىماردىن يەتتىسى،