ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇخۇمدىن«ھايۋانات دورىسى» تەركىبى چىقتى! يېگىلى بولامدۇ-يوق؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:34

 

 

يېقىندا دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور بېكىتىدە 17 تۈركۈم (قېتىم)دىكى يېمەكلىكنىڭ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. 

بۇنىڭ ئىچىدە خۇنەندىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان دېھقانلار ئائىلىسى تۇخۇمىدا ئامانتادىن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇنداقتا ئامانتادىن قانداق ماددا؟ نېمە ئۈچۈن تۇخۇمدىن بۇ خىل ماددا چىقىدۇ؟ بۇنى ئىستېمال قىلىشنىڭ بەدەنگە قانداق تەسىرى بار؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1

ئامانتادىن قانداق ماددا؟  

 

ئامانتادىن بىر تۈرلۈك ۋىرۇسقا قارشى دورا بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلگەن، بۇ خىل دورىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن بىمارلارنى داۋالاشتىكى بىخەتەرلىكلىكى ۋە داۋالاش ئۈنۈمى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن. لېكىن ئۇنىڭ داۋالاشقا كېرەكلىك مىقدارى بىلەن ئەكس تەسىر پەيدا قىلىش مىقدارى تەڭلىشىپ قالغان، يېشى چوڭ بىمارلار ياكى بۆرەك كېسىلى، سوزۇلما يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورا بېرىش پىلانى ۋە دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى كونترول قىلىش، بېكىتىش ناھايىتى تەس. شۇڭا بۇ خىل دورا تېخى كىلىنىكىدا كېڭەيتىلمىگەن. 

بۇ خىل ماددا ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردە دورا قالدۇقى ھالىتىدە ئوزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىدۇ، ئەگەر دائىم كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنسا، نېرۋىنى زەھەرلەپ، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

2005-يىلى ئېلىمىز ئامانتادىن قاتارلىق ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى، سېتىشنى ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلغان. 

ئامانتادىن تۈردىكى ئادەملەرگە ئىشلىتىلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ھايۋانلارنى داۋالاشقا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان ۋە بىخەتەر، ئۈنۈملۈك تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى كەمچىل، بۇنى ھايۋانلاردىكى ۋىرۇسلۇق يۇقۇمنى داۋالاشقا ئىشلىتىش ھايۋانلاردىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا ناچار ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە دۆلەتنىڭ ھايۋانلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. 

2

نېمە ئۈچۈن توخۇ باققۇچىلار ئامانتادىن ئىشلىتىدۇ؟ 

 

1. ئامانتادىن ئىلگىرى مال دوختۇرلۇق دورىلىرى ئىچىدىكى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رولى بار دورىلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى، مەسىلەن، قۇش زۇكىمى، توخۇدىكى يۇقۇملۇق كانايچە ياللۇغى قاتارلىق ھايۋانات كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا، بەلگىلىك ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە ئىدى. 

2. ئامانتادىننىڭ باھاسى ئەرزان، ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا، توخۇ باققۇچىلارنىڭ ئالاھىدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنىدى، مەيلى مۆتىدىل تارقىلىشچان زۇكام بولسۇن ياكى كېسەللىك پەيدا قىلىش كۈچى يۇقىرى قۇش زۇكىمى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دورا بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلەتتى. 

3. ھازىر ئامانتادىننىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ ياخشى دورا تېپىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تىپتىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىدىمۇ زۆرۈر بىلىم ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكى كەمچىل. شۇڭا بۇنداق ئىشلار كۆپ قېتىم يۈز بېرىۋاتىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى مۇنتىزىم دېھقانچىلىق، مال دوختۇرلۇق كارخانىلىرى ئامانتادىن تەركىبلىك ھايۋانات ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى قايتا ئىشلەپچىقارمايدىغان بولدى. كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، كارانتىن مېخانىزمى مۇكەممەل كارخانىلاردا مال دوختۇرلۇق دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، مال دوختۇرلۇق دورىلىرى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن. 

3

«فتوروفېنىكو» مۇ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ چېقىلدى 

 

 

ئامانتادىنغا ئوخشاش فتوروفېنىكومۇ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىككە ئالاقىدار خەۋەرلەردە كۆپ كۆرۈلدى، ئۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كەڭ تەسىرلىك ئانتىبىيوتىك دورا بولۇپ، ئاساسلىقى سەزگۈر باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان چوشقا، بېلىق، توخۇلاردىكى باكتېرىيەلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. 

لېكىن، «ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىكى مال دوختۇرلۇق دورىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قالدۇق مىقدارى» دا فتوروفېنىكونى تۇخۇم توخۇسىغا ئىشلىتىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى، يەنى تۇخۇمدا كۆرۈلۈشكە بولمايدىغانلىقى، ئېنىق بەلگىلەنگەن. 

ئەگەر فتوروفېنىكو مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا ئادەم بەدىنىدە قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق، دانچىسىمان ئاق قان ھۈجەيرىسى يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۈل رەڭ يىغىندا كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

«ئامانتادىن»، «فتوروفېنىكو» دىن باشقا، يەنە «ئوفلوكساسىن(氧氟沙星)» قاتارلىق «باكتېرىيەگە قارشى دورىلار» مۇ بار، بۇ بىر نەچچە خىل ماددا جايلاردىكى كۆپ قېتىملىق تۇخۇم تەكشۈرۈشتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان» قائىدىگە خىلاپ ۋەقەلەر كۆرۈلدى. 

4

تۇخۇم سېتىۋالغاندا ۋە ئىستېمال قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟  

 

1. مۇنتىزىم جايلاردىن سېتىۋېلىش. 

تۇخۇمنى ئامال بار چوڭ تىپتىكى، مۇنتىزىم تاللا بازىرىدىن ياكى مۇكەممەل سالاھىيەتكە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن سېتىۋېلىش كېرەك، شۇندىلا بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش 

2016-يىللىق نۇسخىدىكى «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش قوللانمىسى» دا باشقا يېمەكلىكلەر (گۆش، بېلىق، راك، سۈت تۈرىدىكىلەر)نى نورمال قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ھەر ھەپتىدە يەيدىغان تۇخۇم ئەڭ ياخشىسى يەتتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دېيىلگەن.

نورمال كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى بىر دانە تۇخۇم ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنغان، بالىلار، ھامىلىدارلار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار قاتارلىق ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى بىردىن ئىككىگىچە تۇخۇم يېيىشى تەۋسىيە قىلىنغان.

3. تۇخۇم سېرىقى ۋە ئېقىنى يېيىش 

ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك، تۇخۇمنىڭ سېرىقىدىكى ئوزۇقلۇق ئىنتايىن مول بولۇپ، كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز. 

تۇخۇم يېگەندە تۇخۇمنىڭ ئېقى ۋە سېرىقىنى تەڭ يېيىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. 

بىخەتەر بولۇش ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش ئۈچۈن، خام تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. 

4. يەرلىك تۇخۇم PK ئادەتتىكى تۇخۇم، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، يەرلىك تۇخۇمنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى تېخىمۇ تۆۋەن 

يەرلىك تۇخۇم بىلەن ئادەتتىكى تۇخۇمنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلاردىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار (ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتاسى، تۆمۈر، كالتسىي، فوسفور قاتارلىقلار) نىڭ مىقدارى بەك چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، يەرلىك تۇخۇمنىڭ ماي تەركىبى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن %1 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ، خولېستېرىننىڭ مىقدارىمۇ سەل يۇقىرى بولىدۇ. 

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، توخۇ فېرمىسىدا كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى يەرلىك تۇخۇمنىڭكىدىن سەل يۇقىرى بولىدۇ، بۇ يەم-خەشەكتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 

ئەكسىچە، توخۇ بېقىش مۇھىتىدىكى ئېنىقسىز ئامىللار (تازىلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېزىنفېكسىيەلەش) نى كۆزدە تۇتقاندا ئادەتتىكى تۇخۇمغا قارىغاندا يەرلىك تۇخۇم تېخىمۇ ئاسانلا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.  مەسىلەن: سالمونىللا باكتېرىيەسى ۋە لىستېرىيە باكتېرىيەسى دېگەندەك، بۇنداق تۇخۇمنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاسانلا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش خەۋپى پەيدا بولىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، دالىدا بېقىلغان يەرلىك توخۇلارنىڭ يەيدىغان يېمەكلىكى بىر قەدەر ئارىلاش بولغاچقا، بۇ توخۇلار كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، دېھقانچىلىق دورىسى، دىئوكسىن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. بۇمۇ يەرلىك تۇخۇمنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشىدىكى بىر سەۋەب.

يۇقىرىدىكىلەرنى يىغىنچاقلىغاندا ئامانتادىن، فتوروفېنىكو قاتارلىق ماددىلار گەرچە سالامەتلىككە تەھدىت ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن زىيادە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەرقانداق ماددا زەھەرلەش دەرىجىسىگە يەتكەندە بۇ خىل ماددا بەلگىلىك دەرىجىدىكى «مىقدار»غا يەتكەن بولىدۇ. كۆپچىلىك بۇنىڭغا چوقۇم ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇخۇمدىن«ھايۋانات دورىسى» تەركىبى چىقتى! يېگىلى بولامدۇ-يوق؟

يۇقىرىدىكىلەرنى يىغىنچاقلىغاندا ئامانتادىن، فتوروفېنىكو قاتارلىق ماددىلار گەرچە سالامەتلىككە تەھدىت