ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزىنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-30 19:27

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، 

مەھەللە كومىتېتى تارقىتىپ بەرگەن خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە تابلىتى 

تاشقى مۇھىت دېزىنفېكسىيەسىگە ئىشلىتىلىدۇ. 

ئۇنى ئىچىشكە، يېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

مۇھىم ئىشنى ئۈچ قېتىم دەيمىز!

ئۇنى ئىچىشكە، يېيىشكە بولمايدۇ!

ئۇنى ئىچىشكە، يېيىشكە بولمايدۇ!

ئۇنى ئىچىشكە، يېيىشكە بولمايدۇ!

 

بۇ كىچىككىنە بىر تال تابلىت سۇغا ئارىلاشتۇرۇلسا، بىر بوتۇلكا يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا ئايلىنىدۇ.

باكتېرىيە يوقىتىدۇ، دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، باكتېرىيە يوقىتىش ئۈنۈمى %99.999

چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، سېرىق رەڭلىك ئۈزۈمچە باكتېرىيە، مىس يېشىلى رەڭلىك يالغان يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك يوقىتالايدۇ، يوقىتىش نىسبىتى %99.999

1 تال تابلىتكا 1 بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا ئايلىنىدۇ!

100 تابلىتكا 100 بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا ئايلىنىدۇ!

تېجەشلىك!

باكتېرىيە يوقىتىش ئۈنۈمى

دېزىنفېكسىيەدىن بۇرۇن

دېزىنفېكسىيەدىن كېيىن

84 دېزىنفېكسىيە تابلىتى، 30 سېكۇنتتا بۇژغۇنلاپ ئېرىپ دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا ئايلىنىدۇ، سۇنىڭ تېمپېراتۇراسى قانچە يۇقىرى بولسا ئېرىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ

 

تېز ئېرىشچان دېزىنفېكسىيە تابلىتى

1. بىۋاسىتە ئېرىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ

2. سودا ئېرىتىلگەندىن كېيىن سۇيۇتۇپ پۈركۈشكە بولىدۇ

3. دەسمالنى نەمدەپ سۈرتۈشكە بولىدۇ

 

ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال، چوقۇم مەھسۇلات چۈشەندۈرمىسىدە بېرىلگەن تەڭشەش نىسبىتىدىن پايدىلىنىڭ، نەق مەيداندا تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئىچىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ئېرىشچان دېزىنفېكسىيە تابلىتىنى كۈن نۇرى تەگمەيدىغان، قۇرۇق، شامال ئۆتۈشىدىغان يەردە ساقلاڭ.

ناۋادا كۆزىڭىزگە تېگىپ كەتسە، كۆزىڭىزنى دەرھال سۈزۈك سۇدا يۇيۇۋېتىڭ، ئاندىن دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.

تاشقى مۇھىت دېزىنفېكسىيەسىگە ئىشلىتىلىدۇ، ھەرگىز يېمەڭ.

ئېرىشچان دېزىنفېكسىيە تابلىتىنىڭ مېتاللارغا نىسبەتەن چىرىتىش رولى، توقۇلما بۇيۇملارغا نىسبەتەن ئاقارتىش رولى بار. شۇڭا ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىڭ.

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزى: خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى (تابلىتى)نى خاتا يەۋالغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تولۇق ۋاسىتىلىك تاراتقۇسى خەۋىرى (مۇخبىر لى شياۋچىڭ، خەۋەرچى سۇڭ نىڭ) 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزى دېزىنفېكسىيە ۋە كېسەللىك تاراتقۇلىرىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمى مۇدىرى چېن مىن شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇنداق ئەسكەرتىش بەردى: ناۋادا ئۇقۇشماي دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى (تابلىتى)نى يەپ سالغان، تار، كىچىك بوشلۇقتا خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىسلاتانى ئارىلاشتۇرغان ۋاقىتتا، ئىچكى ئەزالار كۆرۈنەرلىك زەخمەتكە ئۇچرايدۇ، ھەتتاكى ئۆلۈم خەۋپى تۇغۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تۆۋەندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ:

1. نەپەسلىنىپ قالغۇچىلارنى دەرھال زەھەرلىك مۇھىتتىن ساپ ھاۋالىق مۇھىتقا يۆتكەڭ.

2. تېرىسىگە (كۆزىگە) تەگكۈزۈۋالغانلار تېگىپ كەتكەن ئورۇننى دەرھال سۇنى ئۇلۇغ ئېقىتىپ تۇرۇپ قايتا-قايتىلاپ 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت يۇيۇڭ.

3. ئېچىپ ياكى ئېغىزىغا ئېلىپ سالغانلار دەرھال كالا سۈتى، گۈرۈچ ئۇمىچى ئېچىپ، ئاشقازان-ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسىنى قوغداپ قېلىڭ.

4. ناۋادا تەگكۈزۈۋالغان مىقدار بىر قەدەر كۆپ بولسا، ياكى كۆرۈلگەن ئالامەتلەر ئىزچىل ياخشىلانمىغان بولسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىڭ.

 

 

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يولى يېقىن ئارىلىقتا نەپەستىن چىققان كۆپۈكچىدىن تارقىلىش ۋە تېگىشىشتىن تارقىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ناۋادا ئائىلىدە ياكى ئىش ئورنىدا يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار، ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، ئۇلار بىلەن زىچ ئۇچراشقۇچى بولمىسا، دېزىنفېكسىيە دورىسىنى كۈندە ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆي ئىچىدىكى تازىلىق ياخشى ئىشلەنسىلا كۇپايە.

ئائىلە ۋە ئىش ئورنىدا دېزىنفېكسىيە دورىسىنى كۈندىلىك ئىشلەتكەندە، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

بىرىنچى، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىگە قاراپ، دېزىنفېكسىيە دورىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

ئىككىنچى، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتىنى پەقەت ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىدە كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئوبيېكت دائىرىسى ئىچىدىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دائىرىدىن ھالقىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛

ئۈچىنچى، ھەر بىر خىل دېزىنفېكسىيە دورىسىنى ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك، ئوخشىمىغان خىلدىكى دېزىنفېكسىيە دورىسىنى خالىغانچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئارىلاشتۇرسىڭىز دېزىنفېكسىيە دورىسىدىن زەھەرلىنىپ قالىسىز؛

مەسىلەن، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئاممىياكلىق تازىلىق سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛

تۆتىنچى، ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىدە كۆرسىتىلگەن قويۇقلۇقىنى تەڭشەش نىسبىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىدە تەلەپ قىلىنغان ئەڭ قىسقا دېزىنفېكسىيە (رولى) ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەدە، خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ 1 لىتىرى 500 گىرام سۇغا تەڭشىلىدۇ، ئاخىرقى دېزىنفېكسىيەدە 1 لىتىرى 1000 گىرام سۇغا تەڭشىلىدۇ؛

بەشىنچى، ئادەم بەدىنىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئاساسلىقى قولغا ۋە بۇلغىنىش مۇمكىنلىكى بولغان باشقا ئورۇنلارغا قارىتىلىدۇ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى پۈتۈن بەدەنگە پۈركۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛

ئالتىنچى، ئىسپىرتلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش ئاساسلىقى كىچىك بۇيۇملارغا قارىتىلىدۇ، چوڭ دائىرىلىك پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ؛

يەتتىنچى، دېزىنفېكسىيە دورىسىنى بىخەتەر جايدا ئوبدان ساقلاڭ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئىچىملىك قۇتىسىدا ساقلىماڭ، خاتا يەپ قويۇپ زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېزىنفېكسىيە دورىسىنى كىچىك بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان، كۈن نۇرى تەگمەيدىغان يەرگە قويۇڭ.

سەككىزىنچى، دېزىنفېكسىيە دورىسىنى تەڭشىگەن ۋە ئىشلەتكەندە، مۇۋاپىق قوغدىنىڭ، مەسىلەن، ماسكا تارتىۋالسىڭىز، پەلەي (كاۋچۇكتىن ياسالغان پەلەي، پاختا رەخت ياكى پاختا يىپلىق پەلەي بولمايدۇ) كىيىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئاخىرىدا، كۆپچىلىككە يەنە بىر قېتىم شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، دېزىنفېكسىيە دورىسى بەلگىلىك غىدىقلاشچانلىققا ئىگە، شۇڭا ھەرگىز ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتمەڭ، ئائىلىدە ۋە ئىش ئورنىدا دېزىنفېكسىيە قىلغاندا شەخسىي قوغدىنىش تەدبىرىنى ياخشى قوللىنىڭ، دېزىنفېكسىيە قىلىنغان بۇيۇم بۇزۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېزىنفېكسىيە رولىنىڭ ۋاقتى توشقاندا دەرھال سۈزۈك سۇ بىلەن سۈرتىۋېتىڭ.

 

 

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزىنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشى!

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى،