ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«تېببىي كۆزىتىش» كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-30 19:28

 

7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 17:00دە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 12-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. 

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تۆۋەنلىدى 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 00:00دىن 24:00 گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوكلاتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار 89 (بۇنىڭ ئىچىدە 43 ى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگەن)، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 15 يېڭىدىن كۆپەيدى. 7-ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 24:00 كېچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 320 ، ھازىر بار بولغان كېسەل ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 130 بولدى.
شاڭ يۈلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېسەللىك جەريانىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يوشۇرۇن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق بەزى يۇقۇملانغۇچىلاردا ئارقا-ئارقىدىن كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدى ياكى CT دا تەكشۈرگەندە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تەسۋىر ئىپادىسى كۆرۈلۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەردى، شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى:«شۇڭا، بۈگۈن يېڭىدىن مەلۇم قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئارىسىدا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، 43 كە يەتتى؛ ھازىرقى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئازراق تۆۋەنلىدى».

ھەر بىر ئادەمگە كۈنىگە 80 يۈەن ___ ئۈرۈمچى شەھىرى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي. 

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېببىي كۆزىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئايرىش نۇقتىلىرى تۈرلۈك مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كۈندىلىك ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆينى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە تازىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. بۈگۈندىن باشلاپ، تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە كۈنىگە 50 يۈەندىن 80 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

 

«تېببىي كۆزىتىش» كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى گۇمانىي سوئاللارغا چۈشەنچە بەردى 

 

7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24:00 گىچە، شىنجاڭدا (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 9121 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلماقتا. يېقىندىن بۇيان ھەر كۈنى تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ سانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 17:00 دە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي «تېببىي كۆزىتىش»نىڭ قانداق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغانلىقى ۋە نېمە مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا قارىتا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە گۇمانىي سوئاللارغا چۈشەنچە بەردى.

جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» دا: «يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى» ۋە «گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى» بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا تېببىي كۆزىتىش ياكى باشقا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 

جاڭ ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا شەھەر بويىچە يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىلغان. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى تېببىي كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشى ۋە يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق تەدبىر، «يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى تېببىي كۆزىتىش بىر خىل قوغداش خاراكتېرلىك تەدبىر بولۇپ، بۇ ھەم ئەتراپتىكى كىشىلەر توپىنى قوغدىغانلىق، ھەم يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ۋە ئۇلارنى قوغدىغانلىقتۇر».

تېببىي كۆزىتىش دېگىنىمىز، ئىلگىرى يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارغا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئەڭ ئۇزۇن يوشۇرۇن مەزگىلى بويىچە ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، دەرھال ئايرىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇ كىشىلەر بالدۇر دىياگنوز قويۇپ داۋالاشقا ۋە قۇتقۇزۇشقا ئېرىشتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنە كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ ساغلام كىشىلەرگە تارقىلىشىنى ئازايتقىلى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگە پايدىلىق». 

يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە تېببىي كۆزىتىلگەن خادىملارنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى بولۇشى ناتايىن، شۇنداقلا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىغا ئۆزگىرىشىمۇ ناتايىن، پەقەت ئۇلار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار، گۇمانىي بىمار ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچراشقاچقا، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. 

جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە، تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغۇچى خادىملار باشقۇرۇشقا بويسۇنۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك؛ تېببىي كۆزىتىش مۇددىتى توشقاندا، بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىسە، تېببىي كۆزىتىش دەل ۋاقتىدا بىكار قىلىنىدۇ.

7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇدا مۇقىم باھادا يېڭى كالا-قوي گۆشىنى بازارغا سالىدۇ 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) نىڭ باشلىقى يەن جۈن. 
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) نىڭ باشلىقى يەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى «2020-يىللىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش  - تىزگىنلەش مەزگىلىدە گۆشنى بازارغا سېلىش لايىھەسى» نى يولغا قويۇشنى تەستىقلىدى، سودا تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق. 

7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، ئۇدا مۇقىم باھادا يېڭى كالا ـ قوي گۆشى بازارغا سېلىنىدۇ، ھازىر 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشىنى بازارغا سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە، يەن جۈن مۇنداق دېدى: «كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇقىم باھالىق گۆش، خاتىرجەم گۆش يېيىشى ئۈچۈن، بىز گۆشلەرنى توپ سېتىش باھاسى بويىچە سېتىۋېلىپ، تولۇقلىما بەرگەندىن كېيىنكى باھا بويىچە بازارغا سالىمىز». 
تونۇشتۇرۇلۇشىچە،
يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 60 يۈەن ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، قوينىڭ بوينى قوشۇلغان ئالدى پۇت گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 60 يۈەن، قوينىڭ ئومۇرتقىسى قوشۇلغان سان گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 65 يۈەن، قوي قوۋۇرغىسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 55 يۈەن ئىكەن. يېڭى كالا گۆشى (لوق گۆش) نىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 66 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە كالا پاچىقى گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 69 يۈەن، كالا پەش گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 63 يۈەن ئىكەن. 
ئۇنىڭدىن باشقا، 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا 20 كۈن توڭلىتىلغان چوشقا گۆشى، توڭلىتىلغان توخۇ گۆشى بازارغا سېلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 100 توننا چوشقا گۆشى بازارغا سېلىنىدىكەن، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 35 يۈەن بولىدىكەن، 100 توننا توخۇ گۆشى بازارغا سېلىنىدىكەن، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 11 يۈەن بولىدىكەن. 
يەن جۈن مۇنداق دېدى:
«مۇقىم باھالىق گۆشنى ھەر بىر ئادەم كۈنىگە بەش كىلوگىرامدىن ئارتۇق سېتىۋالماسلىقى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، نەپىقە كىنىشكىسى، مېيىپلار كىنىشكىسى بارلار ئالدىن سېتىۋېلىشى كېرەك». 
بۇ قېتىمقى مۇقىم باھالىق گۆش تارقىتىشنى ھەر قايسى رايون (ناھىيە) لەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مۇناسىپ خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، سېتىش نۇقتىسى ۋە سانىنى بېكىتىدۇ، مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ياكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەھەللىگە كىرىپ سېتىشقا تەشكىللەيدۇ ياكى مەھەللە بىر تۇتاش بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ياكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ مال ئېلىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«تېببىي كۆزىتىش» كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) نىڭ باشلىقى يەن جۈن تونۇشتۇرۇپ