ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇدا ئىككى كۈن 100دىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-30 19:28

 

 

7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 00:00دىن 24:00گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 105 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 3 (گۇاڭدۇڭدا بىر، يۈننەندە بىر، شەنشىدە بىر)، يەرلىك بىماردىن 102 سى(شىنجاڭدا 96، لىياۋنىڭدا 5، بېيجىڭدا بىر) دوكلات قىلىندى؛ يېڭىدىن قازا قىلغان بىمار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن چېگرا سىرتىدىن كىرگەن گۇمانلىق بىمار بىر (شاڭخەيدە).

 

بېيجىڭدا 29-ئىيۇل داليەنگە چېتىشلىق بىر بىمار كۆپەيدى

 

بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇقتۇرۇشىچە، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت نۆلدىن 24 كىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە داليەن شەھىرىدىكى يۇقۇمغا چېتىشلىق بىر  بىمار يېڭىدىن كۆپەيگەن، ئۇ 7-ئاينىڭ 27-كۈنى دىياگنۇز قويۇلغان داليەن شەھىرىدىكى يۇقۇمغا چېتىشلىق بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ئىكەن، گۇمانىي بىمار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى يېڭىدىن كۆپەيمىگەن؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن دىياگنۇز قويۇلغان بىمار، گۇمانىي بىمار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى يېڭىدىن كۆپەيمىگەن.

 

شىنجاڭدا 29-ئىيۇل 96 بىمار كۆپەيدى، تۆت بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت نۆلدىن 24 گىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى)يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى دەپ دىياگنۇز قويۇلغان 96 بىمارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن دىياگنۇز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگەنلىكى، 18 كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى، ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەنلىكى؛ تۆت بىمارنىڭ يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى، تۆتىلىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەنلىكى؛بىر بىمارنىڭ ئېغىر كېسەلدىن خەتەرلىك كېسەلگە، ئىككى بىمارنىڭ ئېغىر كېسەلدىن ئادەتتىكى كېسەلگە ئۆزگەرگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 24 گىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن جەمئىي 414 (كېسىلى جىددىي بىمار 2، كېسىلى ئېغىر بىمار 22)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 412، قەشقەردە بىر(ئۈرۈمچىدىن كىرگەن)، بىڭتۈەندە بىر. ھازىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 143ى(ئۈرۈمچىدە 140، بىڭتۈەندە بىر، سانجىدا ئىككى)بار؛ ھازىر جەمئىي 12313 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0 دىن 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 24 گىچە، ئالتە بىمار يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغانلار تۆت، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.

 

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇدا ئىككى كۈن 100دىن ئاشتى

شىنجاڭدا 29-ئىيۇل 96 بىمار كۆپەيدى، تۆت بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى