ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 كۈنمۇ قالمىغاندا يەنە ئەيىبلەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-15 08:43

تىرامپ مۇنداق دېدى: ماڭا قارىتىلغان  2-قېتىملىق ئەيىبلەش «سىياسىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ <پېرىخون تۇتۇش> ھەرىكىتى»نىڭ داۋامى.

 

شۇ يەر ۋاقتى 13ـ يانۋار، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 232 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 197 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپنى ئەيىبلەش ماددىسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، ئۇنى «توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دەپ ئەيىبلىدى. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشقا بىر ھەپتىمۇ قالمىغان تىرامپ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىككى قېتىم ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى.

ئەيىبلەش دېلوسى كېيىنكى قەدەمدە كېڭەش پالاتاسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىكەن، ئاز دېگەندە ئۈچتىن ئىككى قىسىم كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللىشى بولغاندىلا تىرامپنىڭ جىنايىتى بېكىتىلىدىكەن. ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلار ئەڭ تېز بولغاندا بۇ ھەپتە ئەيىبلەش دېلوسىنى پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىغا تاپشۇرۇپ بېرەلەيدۇ.

بىراق كېڭەش پالاتاسى خىزمەتنى 1 ئايلىق توختاتقان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى خىزمەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بېكىتكەن. كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار تىرامپنى ئەيىبلەش دېلوسىنى سوتلاشنى تېزدىن باشلاشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيە (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى)نىڭ رەھبىرى مىككونېل 13-يانۋار كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىش ئۈچۈن كېڭەش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەسلىگە كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى، سوتلاشنىڭ 19-يانۋاردىن كېيىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

6-يانۋار ئامېرىكا پارلامېنتىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تىۋىتتېر قاتارلىق ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا «سۆز قىلىشى چەكلەندى». ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش ماددىسىنى ماقۇللىشىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىدىكەن. 12-يانۋار، تىرامپ قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئەيىبلەش تەرتىپىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن «ناھايىتى خەتەرلىك» ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئىككىنچى قېتىم ئەيىبلەشنىڭ «سىياسىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ <پېرىخون تۇتۇش> ھەرىكىتى»نىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2019-يىلى 18-دېكابىر دېموكراتلار پارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسى تىرامپقا قارىتا زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە پارلامېنتنىڭ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئەيىبلەش ماددىسىنى ماقۇللىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى رەسمىي ئەيىبلەنگەن 3-زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان. بۇ قېتىم ئاۋام پالاتاسى يەنە بىر قېتىم تىرامپنى ئەيىبلەش ماددىسىنى ماقۇللاپ، ئۇنى ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئىككى رەت ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان زۇڭتۇڭغا ئايلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى بايدىن 20-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، تىرامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشقا بىر ھەپتىمۇ قالمىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 كۈنمۇ قالمىغاندا يەنە ئەيىبلەندى

تىرامپ مۇنداق دېدى: ماڭا قارىتىلغان 2-قېتىملىق ئەيىبلەش «سىياسىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ <پېرىخون تۇتۇش> ھەرىكىتى»نىڭ داۋامى.