ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى بېكىتىلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-16 10:55

14-يانۋار بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2021-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

13-يانۋار، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت «سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بېيجىڭدا قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈش مەزگىلىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى قايىل قىلىش، ئىش بېرىش، مائاش قوشۇپ بېرىش، مېھىر يەتكۈزۈش ئارقىلىق بېيجىڭدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئېلىپ قېلىشقا ئالاقىدار تەلەپ ۋە تەدبىرلەرنى نۇقتىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بېيجىڭدا خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. زاكاز كۆپرەك، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى ئېغىر، ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسپىي بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى چاغاندا بېسىق مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىشنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىش قاتارلىق پىلانلارنى كېڭىشىپ تۈزۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش يەتتە كۈن (11-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە)، 12ـ، 13ـ، 14ـ فېۋرال قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، 11ـ، 15ـ، 16ـ، 17ـ فېۋرال تەڭشەلگەن دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى بېكىتىلدى!

14-يانۋار بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2021-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقاردى.