ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ساغلاملىق كودى مەملىكەت بويىچە ئېتىراپ قىلىنىدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-16 16:20

15-يانۋار، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن ۋېيلياڭ 2021-يىللىق مەملىكەتلىك چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا دائىر تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق كودىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش ئۆلچەم قوللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، بىر كود بىلەن يول يۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

جايلار مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى سۇپىسىغا تايىنىپ، ساغلاملىق كودىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمى ۋە قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ھالقىغان كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق كودى ئۇچۇرىنى جايلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە جايلاردا ئىشلىتىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ زۆرۈر سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ليەن ۋېيلياڭ مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، بىر كود بويىچە يول يۈرۈش ئومۇمىي پىرىنسىپال تەلەپ. «كود»قا يەنە «كود» قوشۇش بىر ئايرىم مىسال، ئالاھىدە ئەھۋال، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقتىنچە باشقا رايونلار بىلەن ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا بولمىسا، ئاۋۋال دوكلات قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ساغلاملىق كودى مەملىكەت بويىچە ئېتىراپ قىلىنىدۇ!

15-يانۋار، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن ۋېيلياڭ 2021-يىللىق مەملىكەتلىك چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا دائىر تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى