ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلىدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-16 16:20

دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىششىق نېفىتنىڭ باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى  (15-يانۋار) سائەت 24 تە ئېچىلغان.

دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى باھا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك پىششىق نېفىت باھاسىنى تەڭشەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە (2020-يىلى 31-دېكابىردىن 2021-يىلى 14-يانۋارغىچە) خەلقئارادا نېفىت باھاسى تەۋرىنىپ ئۆرلىگەن.  ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، لوندون بىرېنت، نىيۇيورك WTI دىكى نېفىت باھاسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك باھا تەڭشەش دەۋرىدىكىدىن %6.57 ئۆرلىگەن.

بۇنىڭ تەسىرىدە دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلىدى.

پىششىق نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلىدى، لىق بىر باك ماي قاچىلاش ئۈچۈن 7.5 يۈەن ئارتۇق چىقىم قىلىسىز

مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پىششىق نېفىت باھاسىنى تەڭشەشنىڭ كونكرېت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: بېنزىننىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 185 يۈەن، دىزېلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 180 يۈەن ئۆستى.

مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن:

 

 

92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.15 يۈەن ئۆستى؛
95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.15 يۈەن ئۆستى؛
0-نومۇرلۇق دىزېلنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.15 يۈەن ئۆستى.

 

 

مۇخبىرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئادەتتە ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ماي باكىنىڭ سىغىمى 50 لىتىر دەپ مۆلچەرلەنسە، لىق بىر باك 92-نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلاش ئۈچۈن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 7.5 يۈەن ئارتۇق خەجلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەش دەۋرىيلىكى ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ نورمىدىن سىرت مەھسۇلاتنى ئازايتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولغان. 5-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستان «ئوپېك+»نىڭ نۆۋەتتىكى مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كۆلىمى ئاساسىدا، 2-، 3-ئايدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىر كۈندە نورمىدىن سىرت بىر مىليون تۇڭ نېفىتنى كېمەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەۋەر شۇ كۈندىكى نېفىت باھاسىنىڭ %5كە يېقىن ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئالتە سودا كۈنى ئۆرلەپ، نىيۇيورك WTI دىكى ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 50 دوللاردىن ئېشىپ، بۇلتۇر 2-ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىمۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تىرەك بولدى. ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇرى مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-يانۋارغىچە ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى ئۈچ مىليون 250 مىڭ تۇڭ تۆۋەنلەپ، ئۇدا 5-ھەپتە تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشى، سۈرئىتىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشى بازارنىڭ كەلگۈسىدىكى خام نېفىت ئېھتىياجىغا بولغان مۆلچەرىنى ئاشۇردى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قارىغاندا، بۇ باھا تەڭشەش دەۋرىدە لوندون بىرېنت ۋە نىيۇيورك WTI نىڭ خام نېفىت زاكاز مال باھاسى ھەر تۇڭىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 54.59 دوللار ۋە 51.17 دوللار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى باھا تەڭشەش دەۋرىدىكىدىن %6.68 ۋە %6.46 ئۆرلىگەن. 

خەلقئارادىكى خام نېفىتنىڭ ئاخىرقى زاكاز مال باھاسى

(2020-يىلى 31-دېكابىردىن 2021-يىلى 14-يانۋارغىچە)

دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى باھا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە خەلقئارادا نېفىت باھاسىدا يەنىلا مۆتىدىل ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت مەھسۇلاتىنى تەشەببۇسكار ۋە نورمىدىن ئارتۇق كېمەيتىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تىرەك بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە شىمالىي يېرىم شاردا بولۇۋاتقان قەھرىتان سوغۇق ھاۋارايىمۇ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجنى جانلاندۇرىدىكەن. ئەمما، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى چەت ئەللەردە تېز تارقىلىپ يامراش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى، نۇرغۇن دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتتى، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خام نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئۇزاق ھەم تەكشى بولمىغان جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلىدى!

دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىششىق نېفىتنىڭ باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى (15-يانۋار) سائەت 24 تە ئېچىلغان.