بۇ خىزمەتتىكىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەندى
بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 18-يانۋار چۈشتىن كېيىنگىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يېڭى تاجسىمان ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەن. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە يەنە پوچتا تېز يوللانما، تاماق يەتكۈزۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار مەخسۇس ۋاكسىنا ئەملەشكە تەشكىللەنگەن، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىدا ۋاكسىنا ئەملىگەنلەر 66 مىڭ 700 گە يەتكەن.
بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا يېڭى تاجسىمان ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. نۆۋەتتە، بېيجىڭدا 200 دىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسى بار بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش خادىمىدىن 8700 دىن ئارتۇقى سەپلەندى. شەھەر دەرىجىلىك جىددىي ۋاكسىنا ئەملەش قوشۇنىدىن 66 سى قۇرۇلدى.