ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

15.7% ئاشتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-22 09:21

20-يانۋار، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى كىرىم يىرىك پىلانىنى ھېسابلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سەي زىلى «2020-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» توغرىسىدا: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بازار ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تېز سۈرئەتتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

سەي زىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى. قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى، مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنىڭ سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئېشىپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 4-پەسىلدە %15.7 ئېشىپ، 3-پەسىلدىكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت كۆپىيىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بازار ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تېز سۈرەتتە ئىپادىلىنىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتكۈزدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئالتە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندى:

بىرىنچىدىن، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى مۇقىم ئاشتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تىرەكلىك رولى كۈچەيدى. سانائەت خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى. 2020-يىلى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى، 10-ئايدا ئېشىش سۈرىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن داۋاملىق مۇقىم ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 4-پەسىلدە %11.1 ئېشىپ، 3-پەسىلدىكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت كۆپەيدى. سانائەتتىكى 41 چوڭ تۈرنىڭ 26سىدە مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ياسىمىچىلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىر قەدەر تېز بولدى، پۈتۈن يىللىق سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشتى، بولۇپمۇ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تىرەكلىك رولى داۋاملىق كۈچىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى.

ئىككىنچىدىن، تاۋار ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىر قەدەر تېز بولدى، توردا ئىستېمال قىلىش تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىستېمال ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىسى بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۇللۇق رول ئوينايدۇ. 2020-يىلى توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 4ـ پەسىلدە %15.4 ئېشىپ، 3-پەسىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت كۆپەيدى، يۇقۇم ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال شەكلىنى ئۆزگەرتتى، «ئۆزئارا ئۇچراشمايدىغان» ئىستېمال تېز تەرەققىي قىلدى، توردا ۋە تور سىرتىدىكى سۇپىلارنىڭ بىرلىشىشى تېزلەشتى، ئالاقە تورىدا پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.2 ۋە %31.6 ئاشتى.

ئۈچىنچىدىن، مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئېشىشى تېز بولدى، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتى تېزلەشتى. مەبلەغ سېلىش تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. 2020-يىلى ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان توپا-تاش قۇرۇلۇشى بىناكارلىقىنىڭ سېتىش كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.7 ئاشتى. بولۇپمۇ 5G ئاساسىي پونكىتى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغ بىر قەدەر تېز ئېشىپ، ئالاقە ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، شەھەر رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشى بىناكارلىق سېتىش كىرىمىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %10، %13.4، %20.8 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تۆتىنچىدىن، قاتناش، ئەشيا ئوبوروت كەسپى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، تاشيول يۈك تىرانسپورتى قاتارلىقلارنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى. قاتناش، ئەشيا ئوبوروت كەسپى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى. 2020-يىلى قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 4-پەسىلدە %22.8 ئېشىپ، 3-پەسىلدىكىدىن 10.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. بولۇپمۇ تاشيول يۈك تىرانسپورتى، ئامباردا ساقلاش، پوچتا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9.9، %16.5، %23.1 ئاشتى.

بەشىنچىدىن، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى. 2020-يىلى سۇ كۈچى، يادرو كۈچى، شامال كۈچى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش كەسپىنىڭ سېتىش كىرىمىنىڭ توك تارقىتىش كەسپىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %37.9 بولۇپ، 2019-يىلىدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتىن قىلىنغان كىرىم ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %16.5 ۋە %14.1 ئاشتى. بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مۇھىتنى تۈزەش ساھەسىدىكى سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.8 ۋە %15 ئېشىپ، مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتكۈزۈپ، يېشىللىق ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈردى.

ئالتىنچىدىن، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ باشلامچى بولۇش ئەۋزەللىكى روشەنلەشتى، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى. پۇقراۋى ئىگىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇبيېكت. 2020-يىلى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن ئىككى پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 4-پەسىلدە %18 ئېشىپ، 3-پەسىلدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ سېتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئېشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن 1.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

15.7% ئاشتى!

20-يانۋار، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.