ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قانۇننى بۇنداق ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-22 17:06

 

 

 

 

بىر ياشانغان كىشىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ تىللاۋاتقان كۆرۈنۈش ئېلىنغان ۋىدېيو توردا تارقىلىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ياشانغان كىشى ئەسلى كەنتكە كىرىپ تاماكا سېتىۋالماقچى بولغان ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ نەسىھەت قىلىشىغا قارىماي توسۇقنى بۆسۈپ ئۆتكەن. كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بۇ كىشىنى تۇتۇپ دەرەخكە باغلاپ قويغان. 

نۆۋەتتە، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى خىزمەتتىن توختىتىلدى، ج خ ئورگانلىرىمۇ بۇ ۋەقەنى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش قانۇنىغا چېتىشلىق دەپ قاراپ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرمەكتە.

ۋەقە يۈز بەرگەن جاي شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ گاۋچېڭ رايونى. مەزكۇر رايوننىڭ خەتەر دەرىجىسى 6-يانۋارلا يۇقىرى خەتەرلىك رايون قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بەلگىلىمىسى بويىچە، بارلىق كەنت، مەھەللىلەردە قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلغان.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرى زور يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، بولۇپمۇ شىجياجۇاڭ شىمالغا جايلاشقان بولغاچقا ھاۋا ناھايىتى سوغۇق، قەھرىتان سوغۇقتا ئوچۇقچىلىقتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە تۆھپىسى ھەممەيلەنگە ئايان. ئۇ ياشانغان كىشىنىڭ نەسىھەتكە قۇلاق سالماي كەنتكە كىرىپ تاماكا سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئېنىقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، ئەمما قانۇنسىز ۋاسىتىلەر قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىيالمايدۇ، پولاتتەك قانۇن ۋە تۈزۈم ئالدىدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ چەكتىن ھالقىش ھوقۇقى يوق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خالىغانچە ئىش قىلىشقا قالقان بولالمايدۇ!

خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش قانچە قىيىنلاشقانسېرى، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك، قانۇننى چەكتىن ئاشۇرۇپ، قوپال ئىجرا قىلىشمۇ ئەمەلىيەتتە خىزمەتلەرگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدىغان «ۋىرۇس» ھېسابلىنىدۇ. تۈزۈمنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەرۋاقىت قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن ياخشى پايدىلىنىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا قانۇننىڭ سۈر-ھەيۋىسىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

يۇقۇممۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان سىناق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسىي قاتلامنىڭ زور، ئېغىر ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسەت، تۈزۈم، قانۇن-نىزاملارنى بىلىش سەۋىيەسى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.

نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويماقتا، ھەممىمىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قانۇننى بۇنداق ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ!

بىر ياشانغان كىشىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ تىللاۋاتقان كۆرۈنۈش ئېلىنغان ۋىدېيو توردا تارقىلىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.