ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020-يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم تىزىملىكى ئېلان قىلىندى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-23 09:59

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا 31 ئۆلكىنىڭ 2020-يىللىق ئاھالىلەر ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، شاڭخەي، بېيجىڭ، جېجياڭ ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى. كۆرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ كىرىمىڭىز ئوتتۇرىچە سەۋىيەگە يېتىپتىمۇ؟

شاڭخەيدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشقان 

ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم دېگىنىمىز، ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمالغا چىقىم قىلغان كىرىمى ۋە پۇل ئامانىتىنىڭ يىغىندىسى، يەنى ئاھالىلەرنىڭ ئەركىن بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ نەق پۇل كىرىمىنىمۇ، ماددىي بۇيۇم كىرىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى شاڭخەي شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 72 مىڭ 232 يۈەنگە يېتىپ، 1-ئورۇنغا ئۆتۈپ، مەملىكەت بويىچە 70 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن بىردىنبىر رايون بولۇپ قالغان.

ئەلۋەتتە، شاڭخەيلىكلەرنىڭ تاپقان پۇلى ئەڭ كۆپ، خەجلىگەن پۇلىمۇ ئەڭ كۆپ. 2020-يىلى شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 42 مىڭ 536 يۈەنگە يېتىپ، شاڭخەي شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئىستېمال چىقىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بىردىنبىر رايونغا ئايلانغان.

بېيجىڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 70 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشقان 

ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بېيجىڭ بولۇپ، بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 70 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلگە يېقىنلاشقان. 

بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 69 مىڭ 434 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.5 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئېشىشى %0.8 بولغان. تۆت تۈرلۈك كىرىمنىڭ «ئۈچىدە ئېشىش، بىرىدە تۆۋەنلەش» بولغان: مائاش خاراكتېرلىك كىرىم %0.5 ئاشقان، يۆتكىمە ساپ كىرىم %9.3 ئاشقان، مال-مۈلۈك ساپ كىرىمى %4.7 ئاشقان، تىجارەت ساپ كىرىمى %32.4 تۆۋەنلىگەن.

3-ئورۇندا تۇرىدىغىنى جېجياڭ بولۇپ، 2020-يىلى جېجياڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 52 مىڭ 397 يۈەنگە يەتكەن.

جياڭسۇ ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى گۇاڭدۇڭ ئاھالىلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان 

بىرىنچى ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 2020-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 41 مىڭ 29 يۈەنگە يېتىپ، 40 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئېشىپ، 6-ئورۇندا تۇرغان.

ئىككىنچى ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولغان جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 2020-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 43 مىڭ 390 يۈەنگە يېتىپ، 5-ئورۇندا تۇرغان.

دېمەك، جياڭسۇ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى گۇاڭدۇڭ ئاھالىلىرىنىڭكىدىن كۆپ بولغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 2019ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆلكە بويىچە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 115 مىليون 210 مىڭ بولغان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆلكە بويىچە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 80 مىليون 700 مىڭغا يەتكەن.

مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى 2010-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 32 مىڭ 189 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن نامدا %4.7 ئاشقان. باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %2.1 ئەمەلىي ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە بولغان. 

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فاڭ شياۋدەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2010-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى. 

پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي، بېيجىڭ، جېجياڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، لياۋنىڭدىن ئىبارەت توققۇز ئۆلكە 2020-يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى مەملىكەت سەۋىيەسىدىن ئاشۇرغان.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    2020-يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم تىزىملىكى ئېلان قىلىندى!

    كۆرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ كىرىمىڭىز ئوتتۇرىچە سەۋىيەگە يېتىپتىمۇ؟