ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكىلەر دىققەت! چاغانلىق مالنى توردىن سېتىۋالالايسىز!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-23 09:59

 

30 كۈن داۋاملىشىدىغان 2021-يىللىق شىنجاڭ توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى 20-يانۋار رەسمىي باشلاندى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۆيدە تۇرۇپ نەرسە سېتىۋېلىش، توردا چاغان ئۆتكۈزۈش ━ 2021-يىللىق مەملىكەت بويىچە توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە، جايلار تور سودىگەرلىرى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنى ئاممىنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە پائال يېتەكلەپ، چاغانلىق مال سېتىۋېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىدىن ساقلىنىپ، بايرامدا توردا مال سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جايلاردىكى سودا تارماقلىرى تور سودىسى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، تور سودىسى كەسىپ باغچىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى، تور سودىسى كارخانىلىرى قاتارلىقلارنى «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىنى ئاساس قىلىش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس ئېلىپ بېرىپ، تور سودىگەرلىرىنى تور ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مۇئەييەن سوممىغا توشقاندا باھاسىنى چۈشۈرۈش، سوۋغا بېرىش، ئەمەلىي باھاسىنى ئەرزانلىتىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاھالىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا يېتەكلەيدۇ.
پائالىيەت مەزگىلىدە، جايلار تېخىمۇ كۆپ ئورگانىك يېمەكلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېڭى تىپتىكى رەقەملىك مەھسۇلات قاتارلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تاۋارلار بىلەن تەمىنلەپ، يېشىل، ساغلام، مودا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك چاغانلىق مال بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەنە يېزا-كەنت ئىستېمالىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

20-يانۋار سەھەردىن باشلاپ توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىغا قاتناشقان شىنجاڭ ئەييوۋىي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى شۇ كۈنى سائەت 15 كىچە 400 مىڭ يۈەنلىك مال ساتتى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى جېن شىياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مېغىز قىستۇرۇلغان چىلان، قاتتىق پوستىلىق مېۋە بىرىكمىسى قاتارلىق يېڭى تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان قۇرۇق مېۋە سوۋغاتلىقىنىڭ تۈرىنى بېيىتتۇق، تور سۇپىسىدا «مۇئەييەن سوممىغا توشسا باھاسىنى ئەرزانلىتىش» پائالىيىتىنى ئاساس قىلدۇق، تور دۇكانلىرىمۇ «مۇئەييەن سوممىغا توشسا باھاسىنى ئەرزانلىتىش ۋە سوۋغا بېرىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.   

سودا سارايلىرى ۋە تاللا بازارلىرى «تور+تور سىرتى» بىرلەشمە ئەندىزىسى ئارقىلىق ئېتىبار بېرىپ سېتىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

 دېخۇي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن لىدىرى ۋاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېخۇي ۋەندا شىركىتى ئۇچراشماستىن مال سېتىۋېلىشتەك تور يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق، تور سۇپىسىدىكى 6700دىن ئارتۇق تىجارەتچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، «چاغاندىمۇ مال يەتكۈزۈش» قاتارلىق تور مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جاڭ شو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىملاشقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى ئالاقە تورىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور سودىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى، سودىگەرلىرى ۋە ئىستېمالچىلارغا چاغانلىق مال سودىسى سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، بۇ بايراملىق ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ بايراملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق.

توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى مەزگىلىدە مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، نۇرغۇن تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى «چاغاندا خىزمەتنى توختاتماسلىق»نىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۈگەتمەكتە.

شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى بازار سودىسى باش نازارەتچىسى خۇاڭ شياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خادىملارنىڭ كاپالەت لايىھەسىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، 400دىن ئارتۇق ھەر خىل تىپتىكى ئاپتوموبىلنى كۆپەيتىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شۈنفېڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق يېرىدە چاغان ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چاغاندا ئىش ئورنىدا نورمال خىزمەت قىلىدىكەن.

جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ غەربىي شىمال رايونى ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى مۇيەسسەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، جىڭدۇڭ تېز يوللانمىلىرى ئۈرۈمچىدە نورمال يەتكۈزۈلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى 60قا يېقىن پونكىتتىكى 1700دىن ئارتۇق خىزمەتچى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمايدۇ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدا چاغان ئۆتكۈزىدۇ، ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىكى تور نۇقتىلىرى چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە دەم ئالىدۇ، چاغاننىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ نورمال تىجارەت قىلىدۇ.

ئۈرۈمچى جىڭجۈن دېباڭ ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ رايونى مەسئۇلى جاڭ خېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-فېۋرالدىن 28- فېۋرالغىچە، دېباڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 100گە يېقىن دۇكىنىدا كۆپ مىقدارلىق ماللارنى يۆتكەش خىزمىتى نورمال قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، پوچتا تارماقلىرى چاغان مەزگىلىدە خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پوسۇلكا توشۇش ئاپتوموبىللىرى، ئىشلەپچىقىرىش سورۇنلىرى ۋە پوچتا يوللانمىلىرى، پوسۇلكا قاتارلىقلارغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشقا دائىر كەسكىن تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئادەم، ئاپتوموبىل، پوچتا يوللانمىلىرىنى كارانتىن قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، چاغان مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرىنى يوللانما قوبۇل قىلىش-يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدىكەن.

       

بۇنىڭدىن باشقا، يۈەنتۇڭ، يۈندا، بەيشى قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىمۇ شىركەت تورىدا ئېلان چىقىرىپ، چاغان مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا نورمال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى مەخسۇس دېزىنفېكسىيەلەش قوشۇنى تەشكىللەپ، پوچتا تېز يوللانمىلىرىنى ئايرىپ تارقىتىش مەركىزى، تىجارەت تور نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى يەتكۈزۈش باسقۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىدا دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، قاتلاممۇقاتلام دېزىنفېكسىيەلەش، قاتلاممۇقاتلام ئۆتكەلنى ئىگىلەش ئارقىلىق، پوسۇلكىلارنى قوبۇل قىلىش، ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىكەن. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدىكىلەر دىققەت! چاغانلىق مالنى توردىن سېتىۋالالايسىز!

بۇ قېتىمقى پائالىيەت سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۆيدە تۇرۇپ نەرسە سېتىۋېلىش، توردا چاغان ئۆتكۈزۈش ━ 2021-يىللىق مەملىكەت بويىچە توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت