ئۆيلىنىش يېشى 18 ياشقا چۈشۈرۈلسە، چۈنكى.....
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ شياۋمىڭ «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 1047-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۆيلىنىش يېشى 18 ياشتىن بۇرۇن بولماسلىققا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى، لۇ شياۋمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشى ئەرلەر 22 ياش، ئاياللار 20 ياش. بۇ توي قىلىش يېشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى نوپۇس شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان، نوپۇسنىڭ ئېشىشى جەمئىيەتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن رېئال دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى تىزگىنلەشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنغان، كېچىكىپ ئۆيلىنىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش ئىدىيەسىنىڭ تۈزۈملىشىشىدۇر. نەچچە ئون يىل كېچىكىپ ئۆيلىنىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش تەشۋىق ـ تەربىيەسى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇت قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ئاز تۇغۇش، سۈپەتلىك تۇغۇش يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۇغۇت قارىشىغا ئايلاندى، بۇنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزنىڭ تۇغۇت نىسبىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولدى. فىزىيولوگىيەلىك يېتىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاياللار 14 ياش، ئەرلەر 16 ياش ئەتراپىدا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىلىپ بولىدۇ. كېچىكىپ ئۆيلىنىش يېشى فىزىيولوگىيەلىك يېتىلىشى پىشىپ يېتىلگەن ياشلارنى ئالتە يىلدىن ئارتۇق توي كۈتۈش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جىنسىي ھەۋەسنى سۈنئىي ھالدا چەكلەپلا قالماستىن، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىدا زۆرۈر بولمىغان چەكلىمىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۆيلەنمەي تۇرۇپ بىللە تۇرۇش قاتارلىق ئۆيلىنىشتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، توينىڭ كەسكىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئۆيلىنىش تۈزۈمىگە زەربە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆيلىنىش يېشىنى 18 ياشتىن ئاشماسلىق سەۋىيەسىدە چەكلەش دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل.