دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇزارتىلسا....
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى شياۋلى بۇ يىللىق ئىككى يىغىنىدا چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئۇزارتىش تەكلىپىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت مۇقىم ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى چاڭچىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بەزى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۇزارتىش ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆپەيتىش، قىسمەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كىشىلەرنى ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىشقا تولۇق ۋاقىت چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بەردى.