ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى توغرىسىدىكى 9 پىتنە-پاسات

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:50

 

بۇ يىلقى چىڭمىڭ بايرىمىدا نۇرغۇن كىشىلەر «تولۇقلاپ يۇرتىغا قايتىش» ئارقىلىق تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولدى.

رۈيلىدا يۇقۇم كۆرۈلگەن بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۇنيۇ مۇنداق دەپ قارىدى: چىڭمىڭ بايرىمى، 1-ماي بايرىمىدا كۆپچىلىك نورمال سەپەرگە چىقسا بولىدۇ، لېكىن ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، ماسكا تاقاش، قولنى پات پات يۇيۇش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراۋاتىدۇ، ۋۇ زۇنيۇ بۇ ھەقتە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋاكسىنا ئەملەش ئىنتايىن مۇھىم، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پۈتۈن خەلققە ۋاكسىنا ئەملەشتە ۋاقىت ۋە سۈرئەت جەھەتتىن بەسلىشىۋاتىدۇ.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى راك پەيدا قىلارمىش؟

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ بولغاندىن كېيىن ماسكا تاقىمىساقمۇ بولارمىش؟

ۋاكسىنا ئەملەش توغرىسىدا يەنە نۇرغۇن پىتنە-ئىغۋالار تارقىلىپ يۈرمەكتە، بىز بىرلىكتە ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!

 

 

 

1-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشتىن بۇرۇن قورساقنى توقلىۋالسا ئەكس تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولارمىش

 

ھەقىقىي ئەھۋال: ۋاكسىنىنىڭ ئەكس تەسىرى بەدەن ساپاسى، ياش قۇرامى، ئاساسىي كېسەللىك قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تاماق يېيىش، سۇ ئىچىش بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىز.

ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن مەيلى تاماق يېگەن-يېمىگەن بولسۇن، ئەكس تەسىرنىڭ پەيدا بولۇش-بولماسلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن ئازراق بىر نەرسە يەۋالغاندا، بەدەنگە يېتەرلىك ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئانتىتېلا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆزىگە ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشماسلىق، ھاراق ئىچمەسلىك، ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، سۇيۇق-سەلەڭ غىزالىنىش، كۆپرەك سۇ ئىچىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش كېرەك.

 

 

 

2-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

ئىككىنچى ۋاكسىنىنى چوقۇم ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە ئەملىتىش كېرەك، كېيىن قالسا ۋاكسىنىنىڭ پايدىسى بولماسمىش

 

ھەقىقىي ئەھۋال: ئىككىنچى ۋاكسىنىنى ئۈچ ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە ئەملەتسە بولىدۇ.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ پاسسىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسى ئىككى قېتىم ئەملىنىدۇ؛ تۇنجى ۋاكسىنا بىلەن ئىككىنچى ۋاكسىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەملەش ئارىلىقى ئۈچ ھەپتە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى، ئىككىنچى ۋاكسىنا تۇنجى ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىنكى سەككىز ھەپتە ئىچىدە بالدۇرراق ئەملىنىشى كېرەك.

 

 

 

3-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ قوغداش ۋاقتى پەقەت يېرىم يىلمىش، يېرىم يىلدىن كېيىن يەنە ئەملەش كېرەكمىش

 

ھەقىقىي ئەھۋال: ھازىر پەقەت يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇمات بار، بۇ پەقەت يېرىم يىللا قوغدىيالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: نۆۋەتتە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ ئانتىتېلا سەۋىيەسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، تەخمىنەن ئالتە ئايدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى ئۆلچەندى. بۇ نۆۋەتتە ئۆلچەپ چىقىلغان ئانتىتېلا سەۋىيەسىنىڭ ۋاقتى بولۇپ، ئىممۇنىتېتىنىڭ پەقەت مۇشۇ ۋاقىتقىچە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانتىتېلامۇ قوغداشنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر كۆرسەتكۈچ ئەمەس.

ئىنسانلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئۇچراشقىنىغا ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشتى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ قىسقا. شۇڭا، نۆۋەتتە ۋاكسىنا ئىممۇنىتېتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى توغرىسىدىكى تەتقىقات يەنىلا داۋاملىق كۆزىتىلىۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن ۋاكسىنا ئەملىگەن «ئاۋانگارت قوشۇن»دىكىلەرنى تەتقىق قىلىشتىن بايقىلىشىچە، ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەر نۆۋەتتە توققۇز ئايلىق ئانتىتېلا كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەن. مۇتەخەسسىسلەرمۇ كۆزىتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتىدۇ، تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك قوغداش ئۈنۈمىنى داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

 

 

 

4-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى راك پەيدا قىلارمىش

 

ھەقىقىي ئەھۋال: مەۋجۇت ئەمەس.

نۆۋەتتە تەتقىق قىلىپ ياسالغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنا RNA ۋاكسىنىسى بولۇپ، راك پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى DNA  ۋىرۇسى، شۇڭا راك پەيدا قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس.

 

 

 

5-خىل پىتنە ئىغۋا

 

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندە ئادەم بەدىنىدىكى گېنلار ئۆزگىرىپ، گېنى ئالماشتۇرۇلغان ئادەم بولۇپ قالارمىش

 

ھەقىقىي ئەھۋال: كىشىنى قورقۇتىدىغان ۋەھىمىلىك سەپسەتىلەر، قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق.

mRNA ۋاكسىنىسى ھۈجەيرە يادروسىغا كىرمەيلا، ئانتىگېن ئاقسىلىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئانتىگېن ئاقسىلىنى توپلىشىغا تايىنىپ، بىر قاتار مولېكۇلا مېخانىزمى ئارقىلىق نېيتراللاشتۇرغۇچى ئانتىتېلا ھاسىل قىلىدۇ. mRNAنى ئادەم تېنىگە ئوكۇل قىلغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭDNA سىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس RNA ۋىرۇسى، لېكىن «تەتۈر كۆچۈرۈلگەن RNA ۋىرۇسى» ئەمەس، شۇڭا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ گېنى ئادەم بەدىنىدىكى خىرومازومغا بىرىكمەيدۇ.

 

 

 

6-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن ماسكا تاقىمىساقمۇ بولارمىش

 

ھەقىقىي ئەھۋال: ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا ماسكا تاقاش، قولنى پات پات يۇيۇش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

ھەرقانداق ۋاكسىنىنىڭ قوغداش نىسبىتى %100 بولمايدۇ، ماسكىنى تاقاش-تاقىماسلىق ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كېيىن يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىققا باغلىق. نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ قوغداش نىسبىتى تەخمىنەن %70كە يېتىدىكەن، لېكىن ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلاش نىسبىتى %90تىن ئاشىدىكەن، ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاش نىسبىتى بولسا %100كە يېقىنلىشىدىكەن. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەر شارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ماسكا تاقاش كېرەك.

 

 

 

7-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

ۋاكسىنا ئەملىگەن كۈنى يۇيۇنسا بولمايدۇ.

 

ھەقىقىي ئەھۋال: يۇيۇنسا بولىدۇ.

ئەمما، ۋاكسىنا ئەملىگەن جاينى ئىمكانقەدەر ئاسراش كېرەك، ئاساسلىقى يارا بولۇپ قېلىش ۋە زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۈچەپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بىر نەچچە كۈن تەخىر قىلسا تېخىمۇ ياخشى.

 

 

 

8-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى باشقىلار ئەملەتسە مەن ئەملەتمىسەممۇ بولىدۇ

 

ھەقىقىي ئەھۋال: باشقىلار ئەملەتسە باشقىلارنى قوغدايدۇ، سىزنى قوغدىيالمايدۇ.

كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىنىپ يۇقۇم تارقالمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ شەخسنىڭ يۇقۇملانمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ ۋىرۇس تارقىلىپ كەتسە، ئەگەر سىز ئەملەتمىگەن بولسىڭىز يۇقۇملىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى ئاشقاندىن كېيىن ئۇلار جۇڭگوغا كەلمەكچى بولسا، بىز دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىمىز، بۇ ئەھۋالدا ئەگەر بىزنىڭ كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت توسۇقىمىز تۆۋەن بولسا، بىزگە بەلگىلىك خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.

ئەگەر ئەملەتمىسەك، دۇنيا قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەندە بىزدە ئىممۇنىتېت كۈچى بولمايدۇ. ئەگەر دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى ياخشى ئېلىپ بارمىغان بولسا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر يۇقۇم خەۋپ-خەتىرى ئىچىدە قالىدۇ، شۇنداقلا سىرتتىن كىرگەن كېسەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك تەلەي سىناش پوزىتسىيەسىدە بولماسلىقى كېرەك.

 

 

 

9-خىل پىتنە-ئىغۋا

 

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئىزچىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ۋاكسىنىنىڭ پايدىسى يوقمىش

 

ھەقىقىي ئەھۋال: يەر شارى بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ھازىرقى ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.

گەرچە ۋىرۇس ئىزچىل ئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى. نۆۋەتتە ئالىملار دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنىنىڭ ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم ئۆزگەرگەن ۋىرۇسلارغىمۇ ئۈنۈمى بولغانلىقىنى بايقىدى. ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى نورمال ھادىسە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈنلەي يېڭىدىن بايقالغان ۋىرۇس، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ۋاكسىنىغا ئىشەنمىسەك بولمايدۇ.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى توغرىسىدىكى 9 پىتنە-پاسات

بۇ يىلقى چىڭمىڭ بايرىمىدا نۇرغۇن كىشىلەر «تولۇقلاپ يۇرتىغا قايتىش» ئارقىلىق تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولدى.