ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

"بالاڭ ئۆلمىگەندىن كېيىن مال سېتىۋېلىشىڭ كېرەك!"

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-30 08:31

 

يېقىندا، يۈننەننىڭ شىشۇاڭبەننادا، «ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىگە ‹بالاڭ ئۆلمىگەندىن كېيىن مال سېتىۋېلىشىڭ كېرەك›دەپ ۋارقىرىدى» دېگەن تېمىدىكى بىر سىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.  ھۆكۈمەت تەرەپ 27-ئاپرېل بۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ساياھەت يېتەكچىسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇ دۇكاننى تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 

 

 

 

1

 

ساياھەتچى: ساياھەت يېتەكچىسى ماڭا «بالاڭ ئۆلمىگەندىن كېيىن مال سېتىۋېلىشىڭ كېرەك» دەپ ۋارقىرىدى، دېدى. تورداشلار: بۇ ساياھەت يېتەكچىسىدە ئادىمىيلىكتىن ئەسىر يوقكەن

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر ساياھەتچى شىشۇاڭبەننادىكى مەلۇم مال سېتىۋېلىش نۇقتىسىدا، ئائىلىسىدىكىلەردىن كەلگەن ئوغلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش لازىملىقى ھەققىدىكى سىنلىق تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان. ئارقىدىن بۇ ساياھەتچى بىلەن ساياھەت يېتەكچىسى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن، ساياھەت يېتەكچىسى ئاچچىقىدا بۇ ساياھەتچىگە «بالاڭ ئۆلمىگەندىن كېيىن مال سېتىۋېلىشىڭ كېرەك» دەپ ۋارقىرىغان. 

بۇ ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ قىلمىشى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

 

 

2

 

ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ساياھەت يېتەكچىسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇ دۇكاننى تاقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

27-ئاپرېل، يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بىلوگى «@ شىشۇاڭبەننا»دا بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: توردا تارقالغان سىندىكى تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان ساياھەتچى چى x ئۆلكە سىرتىدىكى ساياھەت كوپىراتىپى تەشكىللىگەن 27 كىشىلىك تارقاق ئۆمەككە قاتناشقان. 22-ئاپرېل شىشۇاڭبەننا جىڭخۇڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېشياڭگۇ، مېڭماۋ ساياھەت مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى ۋە دەيزۇ كەنتى قاتارلىق كەنتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 23- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن ئاشقاندا جىڭخۇڭ سانائەت رايونىدىكى پىنسۈيشۈەن ئۈنچە ـ مەرۋايىت دۇكىنىغا مال سېتىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. چى X دەل دۇكانغا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەردىن سىنلىق تېلېفون كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن توردا تارقالغان سىندا كۆرۈنگەن تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن. 

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: بۇ دېلوغا چېتىشلىق ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە يەنە ئايرىم ھەق تۆلەيدىغان تۈرلەرنى قوشۇش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغان. قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى شىشۇاڭبەننا جىڭخۇڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مال سېتىۋېلىشقا تەشكىللەش، ساياھەت لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى، ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىنسۈيشۈەن ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنى تاقالدى ھەم ئۇنىڭ يۇقىرى باھا قويۇش، ياخشى مالنى كۆرسىتىپ ناچىرىنى سېتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرى بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلدى، ئاخىرىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

"بالاڭ ئۆلمىگەندىن كېيىن مال سېتىۋېلىشىڭ كېرەك!"

يېقىندا، يۈننەننىڭ شىشۇاڭبەننادا، «ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىگە ‹بالاڭ ئۆلمىگەندىن كېيىن مال سېتىۋېلىشىڭ كېرەك›دەپ ۋارقىرىدى» دېگەن تېمىدىكى بىر سىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.