ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بايرامدىن كېيىن داۋاملىق ھەقسىز!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-04 17:52

 

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېرىمى تۈگەپ قالدى، دوستلار نەلەرگە بېرىپ ئويناپ كەلدىڭلار؟

دەم ئېلىش مەزگىلىدە قانغۇدەك ئوينىيالمىغان دوستلار كۆرۈپ بېقىڭلار، خېلى كۆپلىگەن ساياھەت ئورۇنلىرى ئورگان سۇپىلىرىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ : «1-ماي»دىن كېيىن نەچچە يۈز مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى ھەقسىز قىلىش تەدبىرىنى يەنە نەچچە ئاي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

خېنەندىكى 274 مەنزىرە رايونى ئۇدا تۆت ئاي ھەقسىز! بارلىق ساياھەتچىلەردىن كىرىش بېلىتى ئالمايدۇ 

 

مۇخبىرنىڭ خېنەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2021-يىلى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە، خېنەن ئۆلكىسىدىكى نەچچە يۈز مەنزىرە رايونى ساياھەت ئىستېمالىغا نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، 274 مەنزىرە رايونى بارلىق ساياھەتچىلەردىن كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلغان. 

 

274 مەنزىرە رايونىنىڭ تىزىملىكى بۇ يەردە. 

↓↓

 


 

 (ئاستى-ئۈستى سىيرىلدۇرۇپ تەپسىلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش) 

 

 

 100 كۈن!

 گۈيجۇ دۆلەت ئىلىكىدىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى 

گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، چۇڭچىڭ ئاھالىلىرىگە كىرىش بېلىتىنى 100 كۈن ھەقسىز قىلماقچى

  

يۇقىرىقى ئۈچ جايدىكى ئاھالىلەر ئۆز كىملىكى بىلەنلا، مەنزىرە رايونىنىڭ تۇنجى ئىشىكتىن كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇيجۇ ئۆلكىسى ئۆلكە ئىچىدە ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىلىكىدىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرەلەيدۇ (ئارىشاڭ مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە رايونى ئالاھىدە تىجارەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 

سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى:2021-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە(جەمئىي 100 كۈن). 

ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتى: گۇيجۇ ئۆلكىسى بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، يولۇچى مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان شەندۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئاھالىلەر.

ئېتىبار بېرىش ئىسپاتى: شۇ جايلارنىڭ كىملىكى سالاھىيەت ئىسپاتى بولىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسى باش ئىشىك بېلىتى ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۈچۈن مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك تۈرلىرى (مەسىلەن: ساياھەت ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار) ھەقسىز بولمايدۇ. 

گۇيجۇ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇيجۇدىكى دۆلەت ئىلىكىدىكى ھەم ئىشىك بېلىتى سېتىۋالىدىغان A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى جەمئىي 76 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گۇيياڭ شەھىرى خۇاشى چىڭيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى، زۇنيى شەھىرى چىشۈي دەنشيا ساياھەت رايونى، ئەنشۈن شەھىرى خۇاڭگوشۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئەنشۈن شەھىرى لۇڭگۇڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى بار ئىكەن. 

 

گۇيجۇدىكى 76 دانە كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەت ئىلىكىدىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تىزىملىكى 

↓↓

 

 (ئاستى-ئۈستى سىيرىلدۇرۇپ تەپسىلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش) 

 

بۇ يىل 5-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 

جياڭشى 4A دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلدى. 

 

2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، جياڭشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى يەنە بىر قېتىم «مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار جياڭشىنى ساياھەت قىلىش» ھەقسىز ساياھەت مەنزىرە رايونى پائالىيىتىنى يولغا قويدى. پائالىيەت مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جياڭشى ئۆلكىسىدىكى 4A دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرىدا كىرىش بېلىتىنى ھەقسىز قىلسا بولىدۇ. 

شۇ مەزگىلدە، ئوقۇغۇچىلار ئۈندىدار «يۈنيوۋ جياڭشىنى ساياھەت قىلىش» ئەپچاقى ئارقىلىق «جيايوۋ جياڭشى» ۋېنلۈ ئېلېكتىرونلۇق پاسپورتىنى ئىلتىماس قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئالدىن كېلىشىپ قويسا بولىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، 2020 ـ يىلى، بۇ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت نازارىتى» مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلار جياڭشىنى سەيلە قىلىش «پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە 530 مىڭ ئوقۇغۇچى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىغا ئېرىشكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بايرامدىن كېيىن داۋاملىق ھەقسىز!

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېرىمى تۈگەپ قالدى، دوستلار نەلەرگە بېرىپ ئويناپ كەلدىڭلار؟