ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىزدە «ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇردىن قورقۇش كېسىلى» بارمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-11 16:14

 

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، كىشىلەر ھازىر ئۈندىدارنى ھەم ياخشى كۆرىدىكەن ھەم ئۇنىڭدىن بىزار بولىدىكەن، چۈنكى ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، يەنە كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە ئەكېلىپ قويغان. ئۇنداقتا سىز قانداق چاغدا ئۈندىداردىن ئەڭ «بىزار» بولىسىز؟ تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىڭىزدا توختىماي سايرىغان ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتكەن چېغىڭىزدىمۇ؟ خۇشال ئويناۋاتقاندا خىزمەت توپى سىزنى @ قىلىپ توختىمىغان چاغدىمۇ؟ ياكى تۇيۇقسىز 60 سېكۇنتلۇق بىر تالاي ئاۋازلىق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدىمۇ؟

ئىشەنمەي قالماڭ، نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، «ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇردىن قورقۇش كېسىلى» ھەرگىزمۇ چاقچاق گەپ ئەمەس. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، يانفون كۇنۇپكىسىدا خەت بېسىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ياشانغانلار ۋە باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۈندىداردا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاش ئۇلارغا ناھايىتى قولايلىق بولىدۇ. بىراق ئۆزىدە «ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇردىن قورقۇش كېسىلى» بار دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، كەينى-كەينىدىن كەلگەن 60 سېكۇنتلۇق ئاۋازلىق ئۇچۇر ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تۇيۇقسىز پاراكەندە قىلىۋېتىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سوپىلىرىدىمۇ ئۇچرىتىپ قالىمىز، كۆپىنچە كىشىلەر ئۈندىداردىكى ئادەمنى «قاتتىق بىزار قىلىدىغان» بۇ ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاۋازلىق ئۇچۇرنى بىر-بىرلەپ ئاڭلاش «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى» بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنى تولىمۇ «ئوڭايسىز» ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. ئۇلار خەت بېسىشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىنى قوبۇل قىلالىسىمۇ، لېكىن خەت باسالايدىغان تۇرۇپمۇ يەنە ھەمىشە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللايدىغانلارنى «باشقىلارنى قىيناش بەدىلىگە ئۆزىگە ئاسانلىق ياراتقان» دەپ گۇمانلىنىدىكەن ھەم بۇنى «ھۆرمەتسىزلىك» دەپ ئويلايدىكەن.

ئەمما ئۈندىداردا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاشنى ياقتۇرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر «ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇردىن قورقۇش كېسىلى»نى «يولسىزلىق» دەپ ئويلايدىكەن. ئۇلار بۇ ئىقتىدارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ئىنتايىن مۇۋاپىق، بۇنداق قولايلىق ئىقتىدار يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇشى ۋە كەڭ قوللىنىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ خۇددى تورداشلار دائىم تالىشىپ قالىدىغان «ئاشكۆكى يېيىش-يېمەسلىك» ۋە «دۇريان يېيىش-يېمەسلىك» قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەر كىمنىڭ ئۆز ئالدىغا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسى بار بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى ياخشى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ياخشى ئەمەس دەپ قارايدۇ، بۇ يەردە بىرسىنى ماختايدىغان ياكى كەمسىتىدىغان، كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى باھالايدىغان ئىش يوق. ھەركىم ئۆز كۆڭلىدىكى قىزىقىشى بويىچە ئىش كۆرۈش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئاشكۆكىنى ياقتۇرىدىغان كىشى باشقىلارنى چوقۇم يېيىشىڭ كېرەك دەپ زورلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دۇريان يېيىشنى ياقتۇرمايدىغانلارمۇ دۇرياننى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلارنى مەسخىرە قىلماسلىقى كېرەك.

ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللايلى ياكى خەتلىك ئۇچۇر يوللايلى، ئۆزئارا كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىش، يول قويۇش ۋە چۈشىشىش ھەممىدىن ئەۋزەل. ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاشتىن ئىبارەت كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن توردا ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ بىر-بىرىمىزدىن بىزار بولۇپ، كەمسىتىپ، ھەتتا تىللىشىپ كېتىشىمىزنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىزدە «ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇردىن قورقۇش كېسىلى» بارمۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، كىشىلەر ھازىر ئۈندىدارنى ھەم ياخشى كۆرىدىكەن ھەم ئۇنىڭدىن بىزار بولىدىكەن