ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يولدا 620 مىڭ شوپۇرغا 100مىليوندىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇلدى..

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-11 17:19

 

يېقىندا، بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەندىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاچا يول ئېغىزىدا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپ يۈز بېرىدىكەن. بىر تورداش جەرىمانە تالونىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، سۇپىدىن بۇ جايدا 620 مىڭدىن ئارتۇق شوپۇرنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، جەرىمانە سوممىسىنىڭ 120 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

 

 

 

يەنە بىر تورداش كۆزىتىش ئارقىلىق، بۇ يول ئېغىزىدا 3 مىنۇت ئىچىدىلا 27 ئادەمنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان. جازالانغان بىر قىسىم شوپۇرلار بۇ جاينىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قويغان جازاسىغا قارىتا «سىزىق بەك قىسقا سىزىلىپ قاپتۇ، بۇ مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ قايىل بولمىغان.

بۇ ئىشقا قارىتا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى.

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوبزورى

 

«3 مىنۇتتا 27 جەرىمانە تالونى» كېسىلگەن تۇرسا، بۇ گۇماننى قانداق بېسىقتۇرغىلى بولسۇن؟!

 

قىسقىغىنا 3 مىنۇتتا 27 ئادەم «قىلتاق»قا چۈشتى. بۇ كۆزگە چېلىقمايدىغان ئاچا يول ئېغىزى جەرىمانە سوممىسىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇردى، تورداشلار بۇ يەرنى «پۇل بېسىش ماشىنىسى» دەپ ئاتايدىغان بولۇۋالدى، بۇ مەزكۇر جايدىكى قاتناش بەلگىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا تالاش-تارتىش بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ جايدىكى بەلگە، بەلگە سىزىقى ۋە ئەسكەرتىش تاختىسىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى ئاددىي ھالدا توغرا ياكى خاتا دەپ يەكۈن چىقىرىش تەس، بۇنىڭغا قارىتا نوپۇزلۇق ئاپپاراتلار دەلىللەش، ساھە مۇتەخەسسىسلىرى مۇلاھىزە قىلىش، ئامما قاتنىشىش ئارقىلىق ئەڭ مۇۋاپىق نەتىجىنى چىقىرىش كېرەك.

دىققىتىمىزنى تارتىدىغان بىر تەپسىلات شۇكى، شوپۇر دوستلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەلۇم ئۇچۇر ئېلان قىلىش سۇپىسى «بۇ جايدا جەمئىي 624149 ئادەم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان» ناملىق ئۇچۇرنى تارقاتقان، لېكىن تاراتقۇلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ سانلىق مەلۇمات يوقاپ كەتكەن. مۇخبىر فوشەن جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تارمىقىدىن بۇ جايدىكى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ سانىنى ئىگىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. بۇ ئىشمۇ ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇشىغا موھتاج.

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئاممىۋى قىزىق نۇقتىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىش مەسئۇلىيىتى بار، بىرىنچىدىن، بۇ جايغا تەسىس قىلىنغان قاتناش بەلگىسى ھەر خىل گۇمانىي پەرەزلەردىن خالىيمۇ-يوق؟ ئىككىنچىدىن، بۇ جايدا زادى قانچە كىشىگە جەرىمانە قويۇلغان؟ ئۈچىنچىدىن، ئېلىنغان بۇ جەرىمانىلەر قەيەرگە كەتكەن؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا: «جەرىمانە قويۇشنى مەقسەت قىلغان ئېلېكتىرونلۇق كامېرالارنى ئېنىقلىساق» دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى»لارنى كەلسە-كەلمەس ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولسۇن ياكى جەرىمانە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىشقا قارشى تۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ ساداسى ۋە ئەل رايى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. فوشەندىكى بۇ كونكرېت دېلودا بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت دەپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قاراشقا بولمايدۇ، لېكىن ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرۇش، ئاشكارا مەشغۇلات قىلىش گۇماننى پەسەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يولدا 620 مىڭ شوپۇرغا 100مىليوندىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇلدى..

يېقىندا، بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەندىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاچا يول ئېغىزىدا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار