ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۈنۈگۈن بۇ جايدا يەنە 4 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-18 08:41

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۇر

16-ئىيۇن سائەت 0دىن 24 كىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 4 يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇاڭجۇدا دوكلات قىلىندى.

ئۆلكە بويىچە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان چېگرا سىرتىدىن كىرگەن يۇقۇملانغۇچى 3 بولۇپ، ھەممىسى شېنجېندا دوكلات قىلىندى، بۇ بىمارلارنىڭ 2سى جەنۇبىي ئافرىقىدىن، 1ى لېسوتتودىن كەلگەن. يېڭىدىن كۆپەيگەن چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 11، بۇلارنىڭ 5ى گۇاڭجۇدا دوكلات قىلىنغان بولۇپ، 2سى فىرانسىيەدىن، قالغان 3ى ئايرىم-ئايرىم باڭلادىش، بىرما ۋە مالىدىن كەلگەن. 1ى شېنجېندا دوكلات قىلىنغان، بۇ بىمار جەنۇبىي سۇداندىن كەلگەن. 4ى فوشەندە دوكلات قىلىنغان، بۇلارنىڭ 2سى كونگو كىنشاستىن، قالغان 2سى گانا ۋە لىبېرىيەدىن كەلگەن. جۇڭشەندە 1ى دوكلات قىلىنغان، بۇ بىمار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كەلگەن. يېڭىدىن 2 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

16-ئىيۇن سائەت 24 كىچە، ئۆلكە بويىچە دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 2657 (چېگرا سىرتىدىن كەلگىنى 1101). ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىمار 218.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۈنۈگۈن بۇ جايدا يەنە 4 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

16-ئىيۇن سائەت 0دىن 24 كىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 4 يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇاڭجۇدا دوكلات قىلىندى.