ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنداق ئۇچۇرنى خالىغانچە يوللاش قانۇنغا خىلاپ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-18 08:42

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىنىڭ 16-ئىيۇندىكى ئۇچۇرى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا مەمۇرىي يېتەكچىلىك يىغىنى ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ «618» قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق سودا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردى. 

ئەلىبابا، جىڭدۇڭ، پىندودو قاتارلىق ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كارخانىلىرى ھەمدە ئالاقىدار ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار يىغىنغا قاتناشتى. 

5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قىسمەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنىچىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «618» سودا پائالىيىتى قىسقا ئۇچۇرىنى يوللاپ، ئالاقىدار ئابۇنىچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بايقىدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى «ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى»، «خەۋەرلىشىش قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاقىدار كارخانىلار بۇنىڭغا جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش، ئىش داۋامىدا كۆزىتىش ۋە ئىشتىن كېيىن بايقالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خەۋەرلىشىش بايلىقى ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەخلەت ئۇچۇرنىڭ يامرىشىنى تېزدىن توسۇشى كېرەك. 

يىغىندا، ئالاقىدار كارخانىلار ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تۈزەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىدىغانلىقى ھەم باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئابۇنىچىلار مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ ئابۇنىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنداق ئۇچۇرنى خالىغانچە يوللاش قانۇنغا خىلاپ!

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىنىڭ 16-ئىيۇندىكى ئۇچۇرى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا مەمۇرىي يېتەكچىلىك يىغىنى ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ «618» قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق سودا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردى.