ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ 7 جاي ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-19 11:14

يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 2320 يۈەنگە ئۆستۈردى. جۇڭشىن جىڭۋېي ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ بايقىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، جياڭشى، خېيلۇڭجياڭ، شەنشى، شىنجاڭ، شىزاڭ ئارقا-ئارقىدىن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن جايلار ئالاقىدار لايىھەلەرنى ئېنىق تەڭشىگەن ھەمدە بۇ ھەقتە كەڭ پىكىر ئالغان بولۇپ، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇنىڭدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىدىكەن. 

مۇتەخەسسىسلەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش مائاش ئۆستۈرۈشكە بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ، ئاساسلىقى بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي مائاشى ۋە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى تۈپ سانىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەڭ تۆۋەن مائاش تەڭشەلمىسە، كارخانىلار بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئاسانلىقچە تەڭشىمەيدۇ.

31 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاش ئۆلچىمى

 

7 جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، شاڭخەينىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاش ئۆلچىمى 2480 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى 

 

«ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدە ئادەتتە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى شەكلى قوللىنىلىدۇ. ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىن باشقا تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. 

يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2200 يۈەندىن 2320 يۈەنگە تەڭشىلىپ، 120 يۈەن كۆپەيتىلىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، مۇشۇ يىل ئىچىدە، بېيجىڭدىن باشقا تيەنجىن، جياڭشى، خېيلۇڭجياڭ، شەنشى، شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق جايلار ئارقا-ئارقىدىن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن. 

تيەنجىن شەھىرى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېيىغا 2050 يۈەندىن 2180 يۈەنگە، ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاش ئۆلچىمى سائىتىگە 20.8 يۈەندىن 22.6 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن.

خېيلۇڭجياڭ 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى رايون بويىچە 3 دەرىجىگە ئايرىلغان، 1-دەرىجە 1860 يۈەن، 2-دەرىجە 1610 يۈەن، 3-دەرىجە 1450 يۈەن بولغان. ئوخشاشلا تەڭشەلگەندىن كېيىنكى سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىمۇ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنگەن، 1-دەرىجە 18 يۈەن، 2-دەرىجە 14 يۈەن، 3-دەرىجە 13 يۈەن بولغان. 

شەنشى ئۆلكىسى 1-مايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئۆلكە ئىچىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 150 يۈەن ئاشقان. 1-، 2-، 3-دەرىجىدىكى رايونلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاش ئۆلچىمى 1800 يۈەن، 1700 يۈەن ۋە 1600 يۈەندىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1950 يۈەن، 1850 يۈەن، 1750 يۈەنگە تەڭشەلگەن.

جياڭشى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن، 1-دەرىجىدىكى رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئېيىغا 1850 يۈەن، 2-دەرىجىدىكى رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئېيىغا 1730 يۈەن، 3-دەرىجىدىكى رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئېيىغا 1610 يۈەن بولغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 4 دەرىجىگە ئايرىغان بولۇپ، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلغان. ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1900 يۈەن، 1700 يۈەن، 1620 يۈەن، 1540 يۈەن بولۇپ، بىردەك 80 يۈەن ئۆستۈرۈلگەن.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، ھازىرقى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1650 يۈەننى 1850 يۈەنگە، ھازىرقى سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 16 يۈەننى 18 يۈەنگە تەڭشەيدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ 7 جاي ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 2320 يۈەنگە ئۆستۈردى.