ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدا2019-يىلى12-ئايدىلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا بولغان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-19 11:14

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 15-ئىيۇن ئامېرىكىدا چىقىدىغان «كىلىنىكىلىق يۇقۇملۇق كېسەل» ژۇرنىلىدا، ئامېرىكىدىكى بەش ئىشتاتتا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان تۇنجى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن بۇرۇنلا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، بۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ 2019-يىلى 12-ئايدىلا ئامېرىكىدا پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى بىر باياناتىدا، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى قۇۋۋەتلىدى، دېدى. 

ئامېرىكا كېسەللىكلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى نەپەس يولى ۋىرۇسى ئىممۇنولوگىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ناتالى سوئېنبېرگ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بىردەك، ئامېرىكىدا بەلكىم خېلى بۇرۇنلا ئاز مىقداردا كېسەللەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. 

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2020-يىلى 2-يانۋاردىن 18-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتتىن ئېلىنغان 24 مىڭ 79 قان ئەۋرىشكىسىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرگەن ۋە ئانالىز قىلغان. نەتىجىدە، توققۇز ئەۋرىشكىدە ئانتىتېلا مۇسبەت چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە بىمار ئىللىنوئىس ئىشتاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى، ۋىسكونسىن ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ۋە مىسسىسىپى ئىشتاتىدىن بولۇپ، بۇلار مەزكۇر بەش ئىشتاتتا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن بۇرۇن يۇقۇملانغان.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئەۋرىشكىلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇرقىسى 2020-يىلى 7-يانۋار ئىللىنوئىس ئىشتاتىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكە. نورمال ئەھۋالدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ بەدەندە ئانتىتېلا پەيدا بولغۇچە 14 كۈن كېتىدۇ، بۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئەڭ بۇرۇن بولغاندا 2019-يىلى 24-دېكابىر ئىللىنوئىس ئىشتاتىدا پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

بۇ قېتىمقى تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى، ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى كېرلى ئارتخوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەينى چاغدا تەكشۈرۈش چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاممىۋى سەھىيە تارماقلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ باشقا جايلاردىمۇ تارقالغانلىقىنى بايقىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن. قان ئەۋرىشكىسىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ئامېرىكىدا يۇقۇم يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەشكە پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدا2019-يىلى12-ئايدىلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا بولغان

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى بىر باياناتىدا، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى قۇۋۋەتلىدى، دېدى.