ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىنوخانىلارنىڭ باھانى مۇنداق تەڭشىشى مۇۋاپىقمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 09:00

 

    كىنو كۆرۈشكە ئامراق دوستلارغا مەلۇم، بەزى كىنوخانىلاردا ئوخشاش بىر مەيدان كىنو، ئوخشاش بىر زالدىكى ئورۇنلارنىڭ بېلەت باھاسى پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ كىنوخانىلار تىياتىرخانىلارنى دوراپ، ئورۇنلارنى رايونغا ئايرىپ بېلەت سېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئوتتۇرىدىكى «ئالتۇن رايون»دا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىدىغانلار تېخىمۇ يۇقىرى ھەق تۆلەيدۇ، باھا پەرقى 10 يۈەندىن 25 يۈەنگىچە بولىدۇ. مۇخبىر مەلۇم بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسىدا، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ ئورۇنلارنى رايونغا ئايرىپ باھا بېكىتىش تەدبىرى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، ئەگەر كىنوخانا بۇنداق قىلسا، كىنو ياخشى بولسىمۇ «ئالتۇن ئورۇن»دا ھېچكىم ئولتۇرماي، كىنوخانىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىدى. 

سۈرەت: مەلۇم كىنو بېلىتى سېتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ كەسمە سۈرىتى 

    ئورۇنلارنى رايونلارغا بۆلۈپ باھا بېكىتىش مۇۋاپىقمۇ؟ ئۇنىڭ مۇۋاپىق تەرىپى بار. كىنوخانا بازار سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئورۇنلارنى كىنو كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئىنچىكە ئايرىش ئارقىلىق باھانى توغرا بېكىتىش بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. پەقەت بېلەت سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، سودىگەرلەر باھانى تولۇق ئېلان قىلسا ھەمدە باھاسى مۇۋاپىق دائىرىدە بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش مەۋجۇت بولمايدۇ. 

    لېكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، كىنوخانا بىلەن تىياتىرخانا ئوخشاشمايدۇ، تىياتىر قويۇلىدىغان سەھنە بىرقەدەر چوڭ، بەلگىلىك «ۋېرتىكال ئارىلىق» ھاسىل قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئورۇنلاردا ئولتۇرغاندا كۆرۈش ئۈنۈمى روشەن پەرقلىنىدۇ؛ كىنوخانىلاردا بولسا پەقەت بىرلا ئېكران بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئولتۇرغاندا كۆرۈش ئۈنۈمى چوڭ پەرقلەنمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىنوخانىلار ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى بېلەت باھاسىنى پەرقلەندۈرۈشنىمۇ سىناق قىلغان، پەقەت باھا پەرقى مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلىنسىلا، بازار كىنوخانىلارنىڭ بەزى ئىزدىنىشلىرىگە يول قويىدۇ، كۆرۈرمەنلەرمۇ چۈشىنىدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ. 

    بۇ قېتىم كىنوخانىلارنىڭ ئورۇنلارنى رايونغا ئايرىپ بېلەت باھاسىنى بېكىتىشىنى كۆرۈرمەنلەر ئانچە خالىمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كىنو ئاممىنىڭ خاسلىقىغا مايىللىشىدۇ. كىنو ئاۋام ئىستېمال قىلىدىغان تاۋار بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېلەت باھاسى تۆۋەن بولۇش، ھەممىبابلىققا ئىگە بولۇش، تەكسە باھالىق بولۇش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەپىس سەنئەت ئىستېمالىدىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ پەرقى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تاماشىبىنلار «كىنوخانىغا كېلىپ بېلەت سېتىۋېلىش، ئىختىيارىي بېلەت سېتىۋېلىش» ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن، بۇنداق ئەھۋالدا ئورۇننى ئۈچ، ئالتە، توققۇز قاتارلىق رەت تەرتىپى بويىچە رايونغا بۆلۈش ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللىنىپ قالغان ئادەتنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، يەنە كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش قىزغىنلىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. كىنوخانا ئورۇنلارنى «ئالتۇن رايون»غا ئايرىسا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى ئورۇنلۇق. باھا بېكىتكەندە، ئەگەر كىنوخانا پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئامىللارنىلا نەزەردە تۇتۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى نەزەردە تۇتمىسا، چوقۇم ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.  

    پۈتكۈل بازار نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، ئورۇنلارنى رايونلارغا بۆلۈپ باھا بېكىتىش مۇۋاپىق بولسىمۇ، لېكىن ئاقىلانە تەدبىر بولۇشى ناتايىن. ئېلىمىزدە كىنوخانا سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىز كىنوخانىلىرىدىكى ئېكران سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، لېكىن ئوتتۇرىچە كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى. بولۇپمۇ كۆچمە تاراتقۇلار تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، كۆڭۈل ئېچىش كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىنو ساھەسى تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلدى. شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، ھازىر كىنو بازىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ۋەزىيىتى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ياخشى كىنو كەمچىل، بېلەت باھاسى سەل يۇقىرى. بۇنداق ئەھۋالدا ئورۇنلارنى رايونغا ئايرىپ باھا بېكىتىش كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كىنوخانىلارنى كۆرۈرمەنلەردىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن. 

    مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئورۇنلارنى رايونغا ئايرىپ باھا بېكىتىش كىنوخانىلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش قىيىنچىلىقى ۋە تىجارەت بېسىمىنى ئەكس ئەتكۈزۈپ بېرىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، دۇنيا كىنوچىلىق كەسپى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا. كىنوخانىلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش يولىدىكى ئىزدىنىشىنى ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، لېكىن «بېلەت باھاسىنى تەڭشەش» تىن باشقا، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يەنە تېخىمۇ كۆپ يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك. مەسىلەن، كۆرۈرمەنلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك كىنو قويۇش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ مەخسۇس ئەزىز مېھمانلار زالى، VIP زالى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، پەرقلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، كىنوخانىلار يەنە كىنوغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ بىلىم خاراكتېرلىك، ئۇچۇر خاراكتېرلىك مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ مول مەدەنىيەت تەسىراتى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلسا بولىدۇ، مانا بۇ كىنوخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولى.  

    بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىنوخانىلارنىڭ باھانى مۇنداق تەڭشىشى مۇۋاپىقمۇ؟

كىنو كۆرۈشكە ئامراق دوستلارغا مەلۇم، بەزى كىنوخانىلاردا ئوخشاش بىر مەيدان كىنو، ئوخشاش بىر زالدىكى ئورۇنلارنىڭ بېلەت باھاسى پەرقلىنىدۇ.