ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇربان ھېيتنى قانداق تەبرىكلەۋاتىسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-22 08:22

 

20-ئىيۇل قۇربان ھېيت، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. 

    خوتەن شەھىرىنىڭ تۈەنچېڭ مەنزىرە رايونىدا بىر مەيدان كاتتا ناخشا-ئۇسسۇل مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلدى. خەلق سەنئەتكارلىرى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇشال-خۇرام مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، قۇربان ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى. 

 

 

 

    20-ئىيۇل، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، لوپ ناھىيەسىدىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرى يەرلىكتىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇشال-خۇرام مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، قۇربان ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى 

    20-ئىيۇل، خوتەن شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر ئىتتىپاق شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

    20-ئىيۇل، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، لوپ ناھىيەسىدىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرى، يەرلىكتىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇشال-خۇرام مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، قۇربان ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىدى

    قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەيدانىدا ياڭراق دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر قىزغىن، شاد-خۇرام ساما ئۇسسۇلى ئوينىدى.

 

 

 

    20-ئىيۇل، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەيدانىدا شوخ ئۇسسۇل ئويناپ، قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

    20-ئىيۇل، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشتى

    قانداق، بايرام كەيپىياتى ناھايىتى قويۇقمىكەن؟ 

    ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقا، كۆپچىلىك بايرامنى يەنە قانداق شەكىللەردە ئۆتكۈزدى؟ 

    ساياھەت قىلىش  ۋە مەززىلىك تائاملارنى يېيىش

    نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ياكى سەيلە قىلىپ مەززىلىك تائاملارنى يېيىشنى تاللىدى، بايرام كۈنلىرىنى ئەركىن-ئازادە ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى. 

    شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ئىچىدىكى غايەت زور رەسىم رامكىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى

    ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىغا كېلىپ، بۇ يەردە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزگىچە ئىمارەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەردىن ھۇزۇرلاندى

     20-ئىيۇل، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ يەرلىك قوغۇنىنى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالدى  

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، ساياھەتچىلەر تېز كۆپەيدى، نۇرغۇن ساياھەتچى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى. ساياھەتچىلەر مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئەتراپىدىكى قار ئۈستىدە سەيلە قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى

    ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بىللە ھېيت ئۆتكۈزۈش 

  19-ئىيۇل، خېبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە بارغان كادىرلار قۇربان ھېيت ھارپىسىدا قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورىدى

    19-ئىيۇل، خېبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە بارغان كادىرلار قۇربان ھېيت ھارپىسىدا قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورىدى، تۇغقانلىرى بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، پاراڭلىشىپ، ھېيتنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى

    19-ئىيۇل، كۇچا شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قۇربان ھېيتنى خۇشال كۈتۈۋالدى

    19-ئىيۇل، كۇچا شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بايراملىق يېمەكلىك تەييارلاپ، قۇربان ھېيتنى خۇشال كۈتۈۋالدى

    18-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ شىمىگۇ رايونى ليۇداۋان تەۋەلىك رايونى يانتۇ قۇدۇق غەربىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرى داپ چېلىشنى ئۆگەندى

    18-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ شىمىگۇ رايونى ليۇداۋان تەۋەلىك رايونى يانتۇ قۇدۇق غەربىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ساڭزا سالدى

    بايرام ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن كۆپچىلىك قانداق تەييارلىقلارنى قىلدى؟ 

    بايرام كەلگەندە، گۈللەرنىڭ بازىرى ئىتتىك بولىدۇ، بايرام ئۆتكۈزۈشتە ئەلۋەتتە گۈللەر كەم بولسا بولمايدۇ. 

    قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەر مىللەت ئامما ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ گۈل-گىياھ بازىرىغا بېرىپ بەس-بەستە گۈل-گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ سېتىۋېلىپ، ئۆي مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈردى

    سۈرەتتە: 19-ئىيۇل، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرىدا گۈل سېتىۋالماقتا. 

 

  ھېيتلىق يېمەك-ئىچمەك، نەرسە-كېرەك سېتى‍ۋېلىش

 18-ئىيۇل، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى كونسۇلخانا كوچىسىدىكى ئارمان تاللا بازىرىدىن ھېيتلىق يېمەكلىك سېتىۋالدى. 

  

  19-ئىيۇل، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولىدىكى بىر مېۋە-چېۋە دۇكىنىدىن مېۋە-چېۋە سېتىۋالماقتا. 

    19-ئىيۇل، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شىنخۇا يولىدىكى بىر تاللا بازىرىدىن ساڭزا سېتىۋالماقتا. 

    19-ئىيۇل، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولىدىكى بىر گىلەم دۇكىنىدىن گىلەم سېتىۋالماقتا.  

    تۆۋەندە بىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كىچىك دوستنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىدىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. 

 

 

 

    ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇربان ھېيتنى قانداق تەبرىكلەۋاتىسىز؟

20-ئىيۇل قۇربان ھېيت، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.