ئاھالىلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىرىم ئەھۋالى ئېلان قىلىندى!
سىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىرىمىڭىز قانچىلىك بولدى؟ قانچىلىك ئىستېمال قىلدىڭىز؟
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا 31 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، شاڭخەي، بېيجىڭ، جېجياڭ ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى.
شاڭخەي شەھىرى 40357
بېيجىڭ شەھىرى 38138
جېجياڭ ئۆلكىسى 30998
جياڭسۇ ئۆلكىسى 25119
تيەنجىن شەھىرى 24625
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 23604
فۇجيەن ئۆلكىسى 21419
شەندۇڭ ئۆلكىسى 18304
لياۋنىڭ ئۆلكىسى 18083
چۇڭچىڭ شەھىرى 17791
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 16259
ئەنخۇي ئۆلكىسى 15969
خەينەن ئۆلكىسى 15670
خۇنەن ئۆلكىسى 15183
خۇبېي ئۆلكىسى 15097
سىچۈەن ئۆلكىسى 14921
خېبېي ئۆلكىسى 14340
شەنشى ئۆلكىسى 14287
جياڭشى ئۆلكىسى 14195
جىلىن ئۆلكىسى 13690
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى 13536
خېنەن ئۆلكىسى 12735
سەنشى ئۆلكىسى 12621
يۈننەن ئۆلكىسى 12235
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى 12232
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى 12205
چىڭخەي ئۆلكىسى 11729
گۈيجۇ ئۆلكىسى 11573
گەنسۇ ئۆلكىسى 10149
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 10114
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى 9639
31 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەمىنلىگەن.
شاڭخەينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇردى
ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى كىرىمى ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمى ۋە ئامانەت پۇلىنىڭ يىغىندىسىنى، يەنى ئاھالىلەرنىڭ ئەركىن چىقىم قىلالايدىغان كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھەم نەق پۇل كىرىمىنى، ھەم ناتۇرال كىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەينىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ 357 يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، داۋاملىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
سۈرەت: شاڭخەي ۋەيتەننىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى
بېيجىڭ ۋە جېجياڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى
بېيجىڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى شاڭخەيدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 38 مىڭ 138 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نومىنال ھېسابتا %10.3 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئاشقان؛ باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئەمەلىي ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.4 ئاشقان.
جېجياڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 3- ئورۇندا تۇرىدۇ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ 998 يۈەنگە يەتتى.
بېيجىڭ ۋە جېجياڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ئىككى رايون بولۇپ، كىرىم تەرتىپىنىڭ 2-رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ.
سۈرەت: بانكىدىكى پۇل سانىغۇچىلار خەلق پۇلىنى سانىماقتا
10 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 642 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نومىنال ھېسابتا %12.6 ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي، بېيجىڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ، تيەنجىن، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق 10 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئاھالىلەر ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
مائاش خاراكتېرلىك كىرىم ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مائاش خاراكتېرلىك كىرىم بىر قەدەر تېز ئېشىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغان.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى 10 مىڭ 104 يۈەن بولۇپ، %12.1 ئاشقان، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئاشقان.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاھالىلەر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فاڭ شياۋدەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئاھالە ئىستېمال چىقىمى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشتى
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ۋە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى سىجىل ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ئاساسىدا، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشتى، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز تېزلەشتى.
2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 11 مىڭ 471 يۈەن بولۇپ، نومىنال ھېسابتا %18 ئاشتى، باھا ئامىلىنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، %17.4 ئەمەلىي ئاشتى.
يەرلىك ئامىللار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شاڭخەيلىكلەر پۇل تېپىشقا ئەڭ ماھىر، لېكىن پۇل خەجلەشكىمۇ ماھىر، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شاڭخەيدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 23 مىڭ 644 يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولدى.
سىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىرىمىڭىز قانچىلىك؟ يەنە قانچىلىك چىقىم قىلدىڭىز؟