ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلىشقا بولمايدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-22 08:22

 

    ھەر يىلى يازدا «بىر بالا يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قالدى» دېگەندەك خەۋەرلەر تارقىلىپ تۇرىدۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن بالا ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، لېكىن كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ مىساللار يەنىلا ئايرىم ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايۋاتىدۇ. 

 

 

 

   يېقىندا خېنەن جياۋزودا ئىككى ياشلىق بىر بالا ئاپتوموبىل ئىچىگە سولىنىپ قالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلگۈچە بىر سائەتتىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىچىدە سولىنىپ قالغان بالىنىڭ بېشى تەرگە چۆمۈلگەن، بىئارام بولۇپ توختىماي يىغلىغان، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان.  

    ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كېلىپ ئاپتوموبىل دېرىزىسىنى چېقىشقا تەمشەلگەندە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى توسۇپ، ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولماسمۇ دەپ سورىغان، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بالىنىڭ ئانىسى يەنىلا دېرىزىنى چېقىشقا قوشۇلمىغان، بۇنىڭ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئامالسىز تۇرۇپ قالغان.

    شۇ ئارىلىقتا بىرەيلەن: «بىر ئەينەك قانچىلىك پۇلغا يارايتتى، بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بالاڭلار بولالماي قېلىۋاتىدۇ!» دەپ ۋارقىرىغان. 

    ئەتراپتىكىلەر بۇ ئاتا-ئانىغا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار دېرىزىنى چېقىشقا قوشۇلغان. قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىنىڭ چېچى ۋە بەدىنى تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، كۆرگەن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلاتتى.

     ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئانا بالىسىنىڭ ئاپتوموبىل ئىچىگە سولىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، توردا كۆرگەن بەزى ئاماللارنى سىناپ ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئاچالمىغان، ئارىدىن 40، 50 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 

تورداش: بالىنىڭ ھاياتىنى دو تىكمەڭ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلمەكتە. 

    2020-يىلى 25-ئىيۇن، خۇنەندە قوشنىسىغا ھاۋالە قىلىنغان تۆت ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاپتوموبىلغا سولىنىپ قالغان. گەرچە ئاپتوموبىلدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

     2020-يىلى 22-ئىيۇن، گۇاڭجۇدا ئىككى ئوغۇل بالا شەخسىي ئاپتوموبىلغا كىرىپ ئويناۋاتقاندا، ئۇقۇشماي ئاپتوموبىلنىڭ قۇلۇپلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتكەچكە ئاپتوموبىل ئىچىگە سولىنىپ قېلىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. 

    ئەمەلىيەتتە، بۇنداق تىراگېدىيەدىن ساقلانغىلى بولاتتى، لېكىن نېمە ئۈچۈن قايتا-قايتا يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى، بىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ خەۋپ ئېڭى يېتەرلىك ئەمەس؛ ئىككىنچىسى، بالىلارغا بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك تەربىيەسى يېتەرلىك ئەمەس. 

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃42قا يەتسە، سولىنىپ قالغان بالىلاردا ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، ھەتتا قۇتقۇزۇش پۇرسىتىمۇ بولمايدىكەن. 

    ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃42قا يېتىش ئۈچۈن زادى قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا تەجرىبە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ↓↓↓

    تېرمومېتىرنى كەڭ مەيداندا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويدۇق، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، ھىم ئېتىلگەن ئاپتوموبىلنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 ئەتراپىدا ئىدى.

 8 مىنۇتتىن كېيىن ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃42قا يەتتى. 

    ياز پەسلىدە ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، ئاپتوموبىللار قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان يول يۈزىدە توختاپ قالسا، «ئۈستى تەرەپتىن قاقلىنىش، ئاستى تەرەپتىن ھورداش»تەك ئالاھىدە مۇھىت ئىچىدە قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تېزلا℃42قا يېتىدۇ، بۇ خەتەرلىك تېمپېراتۇرا. 

    ئۇنداقتا، ئاپتوموبىل ئەينىكىدە يوچۇق قالدۇرۇلسا ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ 

ئوخشاش مۇھىت ۋە شارائىت ئاستىدا، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن يوچۇق قالدۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 مىنۇت ئىچىدە ℃42قا يېتىدۇ. 

    ئەگەر ئاپتوموبىلنى سالقىن دەرەخ ئاستىدا توختىتىپ، كۈن نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىغاندا ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ 

    تەجرىبىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئوخشاش مۇھىت ۋە شارائىت ئاستىدا ئاپتوموبىلنى دەرەخ سايىسىدە توختاتقاندا، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش ۋاقتى مەلۇم دەرىجىدە ئۇزىرايدىكەن، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى ℃42قا يېتىش ئۈچۈن 18 مىنۇت كېتىدىكەن.

    ئىسسىق يازدا پەسلىدە، ھىم ئېتىلگەن ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ بۇنچىلىك تېز ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلمىغان بولغىيدىڭىز؟

    بۇ تەجرىبىنى كۆرگەندىن كېيىن، سىز يەنە بىرمۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆيگە قايتىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ كېلىشنى ياكى قۇلۇپ ئېچىش شىركىتىنىڭ خادىملىرىنى چاقىرىپ كېلىپ ئالدىرىماي قۇلۇپنى ئېچىشنى ئويلامسىز؟ 

    ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئەينىكى خىرۇستال ئەينەك بولغان تەقدىردىمۇ، چېقىشقا تېگىشلىك بولسا چېقىشىڭىز كېرەك! 

    بالىلار ئاپتوموبىل ئىچىگە سولىنىپ قالسا قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟ تۆۋەندىكى مەزمۇنغا دىققەت قىلىڭ:

بالىلىرىنى ئاپتوموبىللىق سىرتقا ئېلىپ چىقىدىغان ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك: 
1.ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە ئارقا ئورۇندۇقنى تەكشۈرۈڭ، كىملىك، تېلېفون، بالا، ئاچقۇچ ۋە ھەمياننى ئۇنتۇپ قالماڭ. 
2.ئاپتوموبىل دېرىزىسىگە رەڭگى بەك تۇتۇق پىليۇنكا چاپلىماڭ، شۇنداق قىلغاندا ئاپتوموبىل ئىچىدىكى نورمالسىز ئەھۋاللارنى ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولىدۇ.
3.زاكا قاتارلىق بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى يېنىڭىزدىكى ئورۇنغا قويۇپ قويۇڭ، بۇ نەرسىلەر ئاپتوموبىلدا بالىڭىز بارلىقىنى سىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
4. تېلېفونغا ئۇلىغىلى بولىدىغان يىتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئەسۋابىنى بالىغا ئېسىپ قويۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز بالىدىن يىراقلاشسىڭىز يان تېلېفونىڭىز سىگنال بېرىپ سىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

بالىلار ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قالسا، قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟ 

1. بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇش 

ئۆزىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان بالىلار ۋەھىمە ھېس قىلىپ يىغلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، قۇتقۇزغۇچىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، ئۇنى تىنچلاندۇرۇپ قۇتقۇزۇشقا ماسلىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك. 

2. بالىلارنى ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا يېتەكلەش 

ئەگەر قاپسىلىپ قالغان بالا ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ياشتىكى بالا بولسا، بۇ ياشتىكى بالىلاردا بەلگىلىك ھەرىكەت ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئۇلارنى قەدەممۇ-قەدەم ئىلھام بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ. 

3. تېزدىن دېرىزىنى چېقىپ قۇتقۇزۇش كېرەك 

كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى (ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى)نى چاقىرىپ كېلىپ ئاپتوموبىل دېرىزىسىنى چاقتۇرۇش ئەڭ بىخەتەر چارە. ئەگەر بالا ھوشىدىن كەتكەن بولسا، دەرھال قۇتقۇزۇش كېرەك. ئەگەر ئۆزىڭىز دېرىزىنى چېقىپ بالىنى قۇتقۇزماقچى بولسىڭىز، بالىنىڭ ئەينەك پارچىسىدىن يارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىدىن يىراقراق دېرىزىنى چېقىڭ. 

بەزى ئىشلاردا بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلىشقا بولمايدۇ!!!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلىشقا بولمايدۇ!

ھەر يىلى يازدا «بىر بالا يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قالدى» دېگەندەك خەۋەرلەر تارقىلىپ تۇرىدۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن بالا ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، لېكىن كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ مىساللار يەنىلا ئايرىم ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايۋاتىدۇ.