ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ھەپتە خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 08:33

    گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «2021-يىلىدىكى قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى بۇ يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش باشلىنىدۇ! سىز بايراملىق دەم ئېلىشنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز؟ 

    بۇ يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىدا 19-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە ئۇدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 

    لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كېلەر شەنبە ( 18-سېنتەبىر) نورمال ئىشلەيمىز، تاۋۇز چاغىنىدىن كېيىنكى يەكشەنبە (26-سېنتەبىر) مۇ ئوخشاشلا خىزمەت كۈنى بولىدۇ. 

  جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغىلى بولامدۇ؟ 
    بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە توپلىشىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. 
    سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن مەنزىل رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى ئىگىلەش كېرەك، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارغا بارماسلىق كېرەك. 
    سەپەرگە چىققاندا، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش كېرەك. 

 

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ 

    دۆلەتلىك قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «چوڭ ھېيت-بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئالماسلىققا دائىر يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، پەقەت چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بايرام مەزگىلىدىلا، يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرىدۇ، لېكىن يېڭى يىل، دۈەنۋۇ بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمىدا نورمال ھەق ئېلىنىدۇ.

جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت قوش بايرامدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر 24 كۈنلۈك ئىش ھەققى ئالىدۇ 

    بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 21-سېنتەبىر ۋە 1-، 2-، 3-ئۆكتەبىر قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرى ھېسابلىنىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بۇ كۈنلەردە ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك مائاشىنىڭ %300ى بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بېرىشى كېرەك. 

    19-، 20- سېنتەبىر ۋە 4-، 5-، 6-، 7-ئۆكتەبىر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەرگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ دەم ئېلىش بەرسە بولىدۇ ياكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ %200ى بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بەرسە بولىدۇ. 

    مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر خىزمەتچىلەر 10 كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە، 24 كۈنلۈك ئىش ھەققى كىرىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. 

    ئايتوقاچ يېگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    قان قەنتى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئايتوقاچنى پارچىلاپ ئاز-ئازدىن يېيىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە كۆپ خىل تەمنى تېتىغىلى بولىدۇ، قان شېكىرىمۇ بەك تېز ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. 

    قان بېسىمى يۇقىرى، سۈيدۈك كىسلاتاسى زىيادە بىمارلار تۇزلۇق ئايتوقاچ يېسە بولمايدۇ. تەركىبىدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى بولغان ئايتوقاچنىڭ خام ئەشيا مىقدارى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن تۇزلۇقراق قىلىپ ياسالغاچقا، تۇز تەركىبى تۆۋەن بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كولباسالىق ئايتوقاچ، تۇخۇملۇق ئايتوقاچ، چىلىغان كۆكتات ۋە گۆشلۈك ئايتوقاچ، كالا گۆشىلىك ئايتوقاچ قاتارلىقلارنى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشى ياكى يېمەسلىكى كېرەك. 

    ئاساسلىق تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ھەرىكەتنى كۆپەيتىش كېرەك. ئەگەر ئاي توقاچ يېگەن بولسىڭىز ياكى كۆپرەك يېيىشنى ئويلىغان بولسىڭىز، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئاساسىي تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشىڭىز كېرەك. دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. 

    ئايتوقاچ گەرچە يېيشلىك بولسىمۇ، كۆپ يەۋالماڭ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ھەپتە خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ!

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «2021-يىلىدىكى قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى بۇ يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىش باشلىنىدۇ! سىز بايراملىق دەم ئېلىشنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز؟