ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تاسادىپىي تارتىۋېلىنغان تەسىرلىك كۆرۈنۈش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 08:34

 

 

 

 

  «ھەر قېتىم ئايرىلىش ئالدىدا ئۆزۈمنى خۇشال كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ خەير-خوش دەيمەن، كەينىمگە بۇرۇلغىنىمدا كۆزلىرىم ياشقا تولىدۇ»

    «دادا» ناملىق ناخشىدىكى بۇ جۈملىلەردە نۇرغۇن كىشىنىڭ كەچۈرمىشى ئەكس ئەتكەن، رېئاللىقتىكى بۇ كۆرۈنۈشمۇ ئوخشاشلا تولىمۇ تەسىرلىك! 

    يېقىندا، بېيجىڭدىكى ۋاڭ ئەپەندى ئوغلىنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىۋاتقاندا ئاجايىپ تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىۋالغان: مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر دادا قىزىنى ئۇزاتقان، دادىسى يان تېلېفونى بىلەن قىزىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ، قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇپ، ئاندىن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقان. 

    ئۇ دادا قىزى بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، قىزىغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن، لېكىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىغان، ئۇ قىزىغا قىيمىغان ھالدا ئارقىسىغا تەكرار-تەكرار بۇرۇلۇپ قاراپ قويغان.

    يېقىن كىشىلەردىن ئايرىلىش ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەممىمىز دۇچ كېلىدىغان ئىش. بىز خۇشال ھالدا پارلاق كېلەچەككە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقىنىمىزدا يىراقتا قالغان ئاتا-ئانىمىزنى ھەرۋاقىت ئەسلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بىر قېتىملىق تېلېفون، بىر نەچچە ئېغىز كۆڭۈل سۆزى ئۇلارنىڭ سېغىنىش ئازابىنى يېنىكلىتىدۇ. 

«دادا، ئاپا، ھاۋا سوۋۇپ قالدى، قېلىنراق كىيىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ...»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تاسادىپىي تارتىۋېلىنغان تەسىرلىك كۆرۈنۈش

«ھەر قېتىم ئايرىلىش ئالدىدا ئۆزۈمنى خۇشال كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ خەير-خوش دەيمەن، كەينىمگە بۇرۇلغىنىمدا كۆزلىرىم ياشقا تولىدۇ»