بۈگۈندىن باشلاپ بۇ يەردىكى ئۇزۇن يول ئاپتوبۇسلىرى توختىتىلدى
«شيامېن ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بېكىتى» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شيامېن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقارغان: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى توسۇش ئۈچۈن، 14-سېنتەبىر نۆلدىن باشلاپ، شىركىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىن ئۆلكە ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى جايلارغا بارىدىغان بارلىق يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ (تىجارەتنى كونكرېت ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ). شۇ سەۋەبلىك سەپەرگە چىقىشىڭىزغا قولايسىزلىق تۇغۇلدى، ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمىز!
14-سېنتەبىر سائەت نۆلدىن كېيىنكى بېلەتنى سېتىۋالغان يولۇچىلار بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسى ياكى ئاپتوبۇس بېكىتى بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن بېلەتنى ھەقسىز قايتۇرسا بولىدۇ.