ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى لۇ يۈەنجيۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:33

ئالەم تەتقىقاتىنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرغان ئاكادېمىك لۇ يۈەنجيۇ

«كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش ــــ 1-ئىيۇل ئوردېنىغا ئېرىشكۈچىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە ئالەم تەتقىقاتىنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرغان ئاكادېمىك لۇ يۈەنجيۇنى تونۇشتۇرىمىز.

1945-يىلى 25 ياشقا كىرگەن لۇ يۈەنجيۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقتى، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ئوقۇپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ، ئىنېرتسىيەلىك يول باشلاش ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، قەتئىيلىك بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. ئۇ قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە مىنۇتتا، «ۋەتەن» دېگەن سۆزنىڭ ۋەزىنىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: لوخۇ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ «ئىچكىرى ئۆلكە» تەرەپكە بارغۇچە نەچچە مىنۇت ۋاقىت كېتەتتى، ئەمما بىر دۇنيادىن يەنە بىر دۇنياغا بارغىچە، نېمە ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىدىغانلىقىمنى، ۋەتەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

ئېلىمىز ئاپتوماتلاشقان پەن-تېخنىكىسىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان لۇ يۈەنجيۇ ئەڭ ئاۋۋال «سۈنئىي ھەمراھنى يىغىۋېلىش» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسى بۆلمىسىنىڭ مودېلى ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ قولىدا قۇراشتۇرۇلدى، ئېلىمىزدىكى تۇنجى چوڭ ئۆلچەملىك سېنترىفۇگمۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئاپتوماتىك كونترول قىلىش قارىشى ۋە ئۇسۇلىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ، پىرقىرىغۇچ ۋە ئىنېرتسىيەلىك يول باشلاش پىرىنسىپىنى بايان قىلىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قۇرۇلۇشى ۋە ئالەم قاتنىشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارغا ئاجايىپ تۆھپە قوشتى. 

ئەمما ئاشۇ جاپالىق ۋە سۈكۈنات ئىچىدە ئۆتكەن يىللار تىلغا ئېلىنسا، ئۇ ئىنتايىن مەمنۇن بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ۋەتەن مەڭگۈ مېنىڭ مۇھەببىتىم، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر زەمبىرەك ئوقى ئىچىدە بىلىم ئېلىپ، تىكەنلەر ئارىسىدا بوز يەر ئېچىپ، قىممەتلىك پۈتۈن ئۆمرىمىزنى دۆلەت ۋە مىللەتكە بېغىشلىدۇق. 

لۇ يۈەنجيۇ ئېلىمىزنىڭ ئىنېرتسىيەلىك يول باشلاش ئىشلىرىنىڭ ساھە ھالقىغان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا زور بىر تۈركۈم باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، ئۇ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو پەن -تېخنىكا خىزمەتچىلىرى قان-تەرى، ياشلىق باھارى ئارقىلىق ۋەتەن ئۈچۈن راكېتانى بوشلۇققا چىقىرىش، سۈنئىي ھەمراھ بىلەن ئايلىنىش، ئالەم كېمىسىنى ئايغا چىقىرىش، مارسقا قەدەم قويۇشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. لۇ يۈئەنجيۇنىڭ نەزىرىدە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ مەشئەلى ئاللىقاچان يېقىلىپ بولدى، كەلگۈسىدە ئۈمىد چوڭ. 

لۇ يۈەنجيۇ مۇنداق دەيدۇ: يېڭى بىر ئەۋلاد پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى ئاخىرقى نۇقتىسى يوق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى دەپ بىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى لۇ يۈەنجيۇ

«كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش ــــ 1-ئىيۇل ئوردېنىغا ئېرىشكۈچىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە ئالەم تەتقىقاتىنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرغان ئاكادېمىك لۇ يۈەنجيۇنى تونۇشتۇرىمىز.