ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈندىدارغا ئاتا-ئانىلار ئېھتىياجلىق بۇ خىل ئىقتىدار قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 08:52

11-ئۆكتەبىر، ئۈندىدار ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭغا «ۋەسىيلەر ھوقۇق بېرىش» ئىقتىدارىنى يېڭىدىن قوشتى. ئاندىرويىد ۋە iOS سىستېمىسىدىكى تېلېفونلار ئۈندىدارنىڭ 8.0.15 نەشرىنى قاچىلىسا بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق، ۋەسىيلەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ نېمىنى كۆرۈشى، قانچىلىك كۆرۈشىنى بەلگىلىيەلەيدۇ.

ئۈندىدارنىڭ 8.0.15 نەشرىنى قاچىلىغاندىن كېيىن مەخپىي نومۇر بېكىتىش، ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇش، كۆزنەك ئەسكەرتمىسى بېرىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەخسۇس زىيارەت قىلىش دائىرىسىنى بېكىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەندىن سىرت، تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ:

1. ياش-ئۆسمۈرلەر كۆرىدىغان مەزمۇنلارنى جانلىق بەلگىلەش. ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسىدە زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان مەزمۇنلارنى، مەسىلەن، ئاممىۋى سۇپا، ئەپچە، تور ئۇلانمىسى قاتارلىقلارنى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەسىيلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق كۆرسە بولىدۇ.

2. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈندىداردىكى كارتىنىلار كۆزنىكىدە سىن كۆرۈش ۋاقتىنى جانلىق كونترول قىلىش. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈندىداردىكى كارتىنىلار كۆزنىكىدە سىن كۆرۈش ۋاقتى توشسا، ۋەسىيلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا يەنە 40 مىنۇت ئۇزارتالايدۇ.

3. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىشىگە يىراقتىن يېتەكچىلىك قىلىش. ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەسىيلىرى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا، يىراقتىن ئىلتىماس قىلىپ، ۋەسىيلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئالالايدۇ.

بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىشتىكى مەشغۇلات ئۇسۇلى

بىرىنچى قەدەم: ۋەسىينىڭ ئۈندىدارىنى باغلاش

ئۈندىدارنىڭ باش كۆرۈنمە يۈزىدە «مەن-تەڭشەك-ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى» نى چېكىپ، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن (بالىڭىز كۆرۈپ قالمىسۇن) ۋەسىينى قېتىش تەكلىپىنى يوللاپ، ۋەسىينىڭ ئۈندىدارىدا بۇ تەكلىپنى جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنچى قەدەم: ۋەسىيدىن ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش

ياش-ئۆسمۈرلەر زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان مەزمۇنغا يولۇققاندا، دەلىللەش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ (ۋەسىيلەر كىرگۈزۈپ بېرىدۇ) زىيارەت قىلسا ياكى ۋەسىيلەرگە يىراقتىن ۋاقىتلىق زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن زىيارەت قىلسا بولىدۇ.

كارتىنىلار كۆزنىكىدىكى سىنلارنى كۆرۈش ۋاقتىنىمۇ يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ۋەسىي قوشۇلغاندىن كېيىن يەنە 40 مىنۇت ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈندىدارغا ئاتا-ئانىلار ئېھتىياجلىق بۇ خىل ئىقتىدار قوشۇلدى

كارتىنىلار كۆزنىكىدىكى سىنلارنى كۆرۈش ۋاقتىنىمۇ يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ۋەسىي قوشۇلغاندىن كېيىن يەنە 40 مىنۇت ئۇزارتقىلى بولىدۇ.