ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا نېمىلەرنى ئېلىپ چىقتى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-18 08:34

    بېيجىڭ ۋاقتى 16-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئالەم ئۇچقۇچىسى جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا تيەنخې يادرو بۆلمىسىگە كىرىپ، ئالتە ئايلىق ئالەم بوشلۇقى سەپىرىنى باشلىدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بەزى شەخسىي بۇيۇملىرىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى، ئۇلار نېمىلەرنى ئېلىۋالدى؟

↓↓↓

جەي جىگاڭ: كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى، قەغەز، قەلەم ۋە سىياھدان

    جەي جىگاڭ ئالەم بوشلۇقىغا كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە ناخشىلارنى ئېلىپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقتىم چىققاندا ياكى كەيپىياتىم ياخشى بولمىغاندا ئېلىۋالغان كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرىمەن، ناخشا ئاڭلايمەن».

    بۇنىڭدىن باشقا، جەي جىگاڭ يەنە قەلەم، قەغەز، سىياھدان ئېلىپ چىقتى، ئۇ ئاسماندا تۇرۇپ موي قەلەمدە خەت يازماقچى، ئۇنىڭ ئاسماندا پۈتكەن «ساماۋى كىتاب»ىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!

    يې گۇاڭفۇ: ئۆيدىكىلىرىم ماڭا سىرلىق سوۋغاتلارنى بەردى

    يې گۇاڭفۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئېلىپ ماڭغان بۇيۇملىرىدىن باشقا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يەنە ئۇنىڭغا بەزى «سىرلىق سوۋغاتلار»نى بەرگەنلىكىنى، ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن كۆپچىلىككە بۇ سىرلارنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    يې گۇاڭفۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتنى ئېلىۋالدى، ئۇ بۇ ھەقتە :«چارچىغان ياكى تىت-تىت بولغان ۋاقىتتا سۈرەتكە قارىسام، كۆڭلۈم ئازادە بولۇپ ئېچىلىپ قالىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يې گۇاڭفۇ يەنە بىر قىسىم كىچىك چالغۇلارنى ئېلىپ چىققانلىقىنى، ئالەم بوشلۇقىدا بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ چالغۇ چېلىشنى ئۆگەنمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ۋاڭ ياپىڭ: چوڭ چالغۇلارنى ئېلىۋالدىم، ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا كۆپچىلىككە نامايان قىلىمەن

    ۋاڭ ياپىڭ چوڭ چالغۇلارنى ئېلىۋالغانلىقىنى، ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا كۆپچىلىككە كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «باشقا نەرسىلەر بىلەن بىللە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىمىزنى نامايان قىلىمەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى ۋاقتىنچە مەخپىي، مەن كۆرگەزمە قىلغاندا كۆپچىلىكنىڭ ھەيران قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!»

    ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ ياپىڭ يەنە ئۆزى بىلەن «كاماندىروپكىغا چىققان» باشقا ئىككى خىزمەتدىشىغا سوۋغات ئېلىۋالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارغا بۇنى ئېيتمىدىم،  يېڭى يىلدا ئۇلارنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋەتمەكچى». ۋاڭ ياپىڭ ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بەش يېرىم ياشلىق قىزىنى بەكرەك ئەسلەيدۇ، بۇ قېتىم ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا يەنە قىزىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلىپ چىقتى.

    تورداشلار ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كاماندىروپكىغا چىققاندا ئېلىۋالغان بۇ شەخسىي بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ، ئۇلار ئېلىۋالغان كىنو-تېلېۋىزىيە تىزىملىكى ۋە ناخشا تىزىملىكىگە ئىنتايىن قىزىقىپ قالدى، ئۇلارنىڭ زادى قانداق چالغۇلارنى ئېلىۋالغانلىقىنى پەرەز قىلىشتى.

    قېنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر سىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ياشاش پۇرسىتىڭىز بولسا سىز قانداق نەرسىلەرنى ئېلىۋالىسىز؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا نېمىلەرنى ئېلىپ چىقتى؟

تورداشلار ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كاماندىروپكىغا چىققاندا ئېلىۋالغان بۇ شەخسىي بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ، ئۇلار ئېلىۋالغان كىنو-تېلېۋىزىيە تىزىملىكى ۋە ناخشا تىزىملىكىگە ئىنتايىن قىزىقىپ قالدى، ئۇلارنىڭ زادى قانداق چالغۇلارنى ئېلىۋالغانلىقىنى پەرەز قىلىشتى.