ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارمىقىڭىزدىكى ئەتتىكەننى ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن يۇلماڭ،بولمىسا...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-18 08:34

 

    ھەر قېتىم پەسىل ئالماشقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ بارماقلىرىدا ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ، بۇ گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئېھتىياتسىزلىقتىن تېگىپ كەتسە، بەك ئاغرىيدۇ.

 بەزىلەر يەڭگىللىك بىلەن ئۇنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىدۇ. لېكىن، شۇ سەۋەبتىن چوڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدۇ↓↓↓

    جېجياڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017-يىلى تۆت ياشلىق لەن لەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ بارمىقىدا ئەتتىكەن پەيدا بولۇپ قالغان ۋە ئەتتىكەننى يۇلۇپ ئالغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقى يارىلانغان. ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى چوڭ مەسىلە ئەمەس دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بارمىقىنى ئاددىيلا قىلىپ تېڭىپ قويغان. ئويلىمىغان يەردىن تېڭىق بەك چىڭ بولۇپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ بارمىقىغا قان يېتىشمەي نېكروزلىنىپ قالغان، ئاخىرىدا بۇ بارماقنى كېسىۋېتىشكە توغرا كەلگەن.

    2018-يىلى، داليەندىكى بىر ئايال بارمىقىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئەتتىكەننى يۇلۇپ ئېلىۋەتكەن، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۇ بارمىقى ئىششىپ يىرىڭلاشقا باشلىغان، دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق يىرىڭلىق بارماق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان. ياللۇغ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن بارماق سۆڭىكىگە قان يېتىشمەي، نېكروزلىنىپ قالغان.

    بۇ مىساللاردىن مەلۇمكى، بارماقلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئەتتىكەنلەرنى يېنىكلىك بىلەن يۇلغاندا مۇنداق ناچار ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ: يېنىك بولغاندا تېرە يېرىلىپ، كېسەللىك باكتېرىيەسى تەنگە ئاسانلا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا قان چىقىدۇ، يۇقۇملىنىدۇ، تىرناق ئېرىقچىسى ياللۇغى، يىلىك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا پۇت-قول بارماقلىرىنى كېسىۋېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

    تۆۋەندە بىرلىكتە ئەتتىكەن بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئەتتىكەننىڭ مېدىتسىنادا «تەتۈر سويۇلۇش» دېگەن ئاڭلىسىلا كىشىدە ئاغرىق پەيدا قىلىدىغان بىر ئىسمى بار. ئەتتىكەننىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى: تىرناق ئەتراپىدىكى تېرە يېرىلىپ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە ئېچىلىدۇ. بۇ تېرىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.

    تېببىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەتتىكەن ئاساسلىقى تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىكەن.

↓↓↓

تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى

    باشقا ئورۇندىكى تېرىگە نىسبەتەن، تىرناق ئەتراپىدىكى تېرىدە تەر بېزى ۋە تېرە ياغ بېزى بولمايدۇ. شۇڭا، قۇرغاق مۇھىتتا ئاسانلا سۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ.

تاشقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى

    بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپى سەۋەبىدىن ياكى دائىم مەلۇم ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قول تېرىسىنىڭ سۈركىلىشى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دائىم تىرنىقىنى چىشلىشى ۋە بارمىقىنى غاجىلىشىمۇ تېرىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئەتتىكەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    جەمئىيەتتە ئەتتىكەن ھەققىدە ئەتتىكەن ۋىتامىن كەملىكىدىن بولىدۇ، دەيدىغان بىر خىل قاراش بار. لېكىن ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، ۋىتامىن كەمچىل بولسا تېرە قۇرغاقلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئەتتىكەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىۋاسىتە سەۋەب ئەمەس.

    بارماقلىرىمىزدا ئەتتىكەن پەيدا بولۇپ قالسا، قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن قولىمىزنى 37 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئىلمان سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ، تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىنى يۇمشىتىمىز، ئاندىن پاكىز تىرناق ئالغۇچ ياكى قايچا بىلەن ئەتتىكەننى يىلتىز قىسمىدىن كېسىپ ئېلىۋېتىمىز، ئالغاندا ھەرگىز يىرتىۋەتمەسلىك كېرەك، ئاخىرىدا قولغا تېرە سىلىقلاش مېيى سۈركەپ تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلايمىز.

    بارماقلاردا ئەتتىكەن پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قولنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. شارائىتى بارلار ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا ياكى ئەمگەك قىلغاندا رېزىنكە پەلەي كىيىۋالسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا قول يۇيۇش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى، تېرە مېيىنىڭ خوراپ كېتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، تېرە مېيى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ياخشى نەملىك ساقلىغۇچ ھېسابلىنىدۇ. قول يۇغاندىن كېيىن قول ئاسراش مېيىنى سۈرتۈپ بەرسە، تىرناقنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بارمىقىڭىزدىكى ئەتتىكەننى ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن يۇلماڭ،بولمىسا...

ھەر قېتىم پەسىل ئالماشقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ بارماقلىرىدا ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ، بۇ گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئېھتىياتسىزلىقتىن تېگىپ كەتسە، بەك ئاغرىيدۇ.