ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ قىزىل كۇنۇپكىنى بېسىپ باقمىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-19 08:29

    16-ئۆكتەبىر سەھەردە، شېنجۇ 13-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئارقىدىن جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ قاتارلىق ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىگە كىرىپ، پىلان بويىچە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

    ھەر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىش يەر يۈزىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ زور بەدەل تۆلىشى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ مەھسۇلى. جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىدە تەربىيەلەنگەن بارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىرلىكتە ياراتقان بىر تۈرلۈك رېكورت بولۇپ، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ رېكورت بۇزۇلۇپ باقمىدى.

↓↓↓

 

بۇ قىزىل كۇنۇپكىنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ھېچكىم باسمىدى

    جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى 1000 سائەتتىن ئارتۇق ئايروپىلان ھەيدەش تەجرىبىسىگە ئىگە مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچىلار ئىدى، ئالەم بوشلۇقى بىلەن ئاسماننىڭ پەرقى پەقەت بىر خەتلا بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئادەمگە قويىدىغان تەلىپى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۇچۇش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن سەككىز چوڭ تۈردىكى يۈزدىن ئارتۇق دەرسنى ئۆگىنىشى ۋە مەشىق قىلىشى كېرەك.

    ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىشكە بەرداشلىق بېرىش مەشىقى كۆپ قىسىم ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان مەشىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان سېنترىفۇگدا ئادەتتىكى كىشىلەر پەقەت ئۈچ ھەسسىدىن تۆت ھەسسىگىچە ئېغىرلىق كۈچى تېزلىكىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئەمما ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سەككىز ھەسسە ئېغىرلىق كۈچى تېزلىكىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك.

    بۇ مەشىقنى ئېلىپ بارغاندا كۈچلۈك تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يۈز مۇسكۇلىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، كۆزىدىن ياش توختىماي قۇيۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مېڭىدە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مۇشۇنداق ناچار شارائىتتا تۈرلۈك تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلىشى كېرەك.

 «شىنجۇ 11-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭنىڭ ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىشكە بەرداشلىق بېرىش مەشىقى قىلغاندىكى ۋە نورمال ھالەتتىكى يۈزىنىڭ سېلىشتۇرما سۈرىتى

    ھەر قېتىم بۇ خىل مەشىقنى قىلغاندا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قولىدا قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكا بولىدۇ، مەشىق جەريانىدا بەرداشلىق بېرەلمىسە، كۇنۇپكىنى باسسىلا مەشىق توختايدۇ، ئەمما جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتى 1998-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 20 نەچچە يىلدا، بىرمۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى بۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ باقمىدى.

    ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ ئۇنى ئارزۇغا تۇتىشىدىغان كۇنۇپكىغا ئوخشىتىپ، «ئۇنى باسساق ئارزۇغا تۇتىشىدىغان يول ئۈزۈلۈپ قالىدۇ» دەيدۇ. بارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كۆڭلىگەن پۈككەن ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، مەشىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ياپىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۇنۇپكا گەرچە بىزنىڭ قولىمىزدا بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۇ مەۋجۇت ئەمەس».

    تورداشلار: جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز! ئەجىرسىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدىكەن

    20 يىلدىن بۇيان ھېچكىمنىڭ بۇ قىزىل كۇنۇپكىنى بېسىپ باقمىغانلىقى نۇرغۇن تورداشنى تەسىرلەندۈردى.

    «ھەممە كىشى ئالەم كېمىسى پەلەككە كۆتۈرۈلگەن قالتىس پەيتلەردىن زوقلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىغا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق مەشىقلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەربىر ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز» .

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ قىزىل كۇنۇپكىنى بېسىپ باقمىدى