ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چوغى يىغىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-20 09:07

 

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چوغى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بۆشۈكى بولغان گىرېتسىيەدىكى قەدىمىي ئولىمپىيە خارابىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىلدى.

گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى ساكراروپولۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ، گىرېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كاپلالوس بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈ زەيچىڭ چوغ يىغىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

چوغ يىغىش مۇراسىمى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11  يېرىمدا باشلاندى، ئولىمپىك ناخشىسىنىڭ قەدىمكى ئولىمپىيە خېرا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ ئاسمىنىدا ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئولىمپىك  مۇسابىقىسىنىڭ بەش ھالقىلىق بايرىقى ئاستا-ئاستا چىقىرىلدى. ئارقىدىن نەق مەيداندا جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرى بىلەن گىرېتسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرى تەرتىپ بويىچە قويۇلدى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ بايرىقى ئايرىم-ئايرىم چىقىرىلدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈ زەيچىڭ چوغ يىغىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ئارقىلىق، قەدىمكى گىرېتسىيە مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇلۇپ، بىر مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ قايناق ھېسسىياتى ۋە ئارزۇسى قايتىدىن جۇلالاندۇرۇلدى.

2500 يىللىق تارىخقا ئىگە خېرا ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى ئالدىدا، ئالىي ئايال كاھىننىڭ رولىنى ئالغان گرېتسىيەلىك داڭلىق ئايال ئارتىس سانسى گېئورگىۋۇ چوغنى تۇتاشتۇردى. بىردەم ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن، ئالىي ئايال كاھىن يانغان مەشئەل ۋە تىنچلىق، شان-شەرەپكە سىمۋول قىلىنغان زەيتۇن شېخىنى بىرىنچى مەشئەلچى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى «پەرۋاز»نى كۆتۈرگەن گىرېتسىيەنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ئانتونىۋۇغا بەردى.

مەشئەلنى كۆتۈرگەن ئانتونىۋۇ مەشئەلنى ئىككىنچى مەشئەلچى، جۇڭگونىڭ سابىق قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى لى جياجۈنگە يەتكۈزدى. 1998-يىللىق ناگانو قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە، لى جياجۈن 1000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق ئەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان.

گىرېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئافىنادىكى مەرمەر تاش تەنتەربىيە مەيدانىدا چوغنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چوغى يىغىلدى

مەشئەلنى كۆتۈرگەن ئانتونىۋۇ مەشئەلنى ئىككىنچى مەشئەلچى، جۇڭگونىڭ سابىق قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى لى جياجۈنگە يەتكۈزدى.