ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

105 يېڭى ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا كىرىشتىن ۋاز كەچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-27 16:45

 

 

ئەنخۇي پېداگوگىكا داشۆسى ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسى يېقىندا «ليۇ فامىلىلىك قاتارلىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرستىكى 105 ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2021-يىلى 9-ئۆكتەبىرگىچە، ئەنخۇي پېداگوگىكا داشۆسى 2021-يىللىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرستىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن 105 ئوقۇغۇچى مەكتەپ تۈزۈمى بويىچە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن. ئالاقىدار شۆيۈەنلەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلەشكەن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

 

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە: «دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلىپ، مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تەلىپى ۋە بەلگىلەنگەن مۇددىتى بويىچە مەكتەپكە كېلىپ مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ. مەلۇم سەۋەب بىلەن ۋاقتىدا مەكتەپكە كېلەلمەيدىغانلار مەكتەپتىن رۇخسەت سورىشى كېرەك. رۇخسەت سورىمىغان ياكى رۇخسەت سورىغان ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىككەنلەردىن باشقىلار مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 

مەكتەپنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە: «دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە مەكتىپىمىزگە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەكتەپ بەلگىلىگەن مۇددەت  ئىچىدە مەكتەپكە كېلىپ مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋاقتىدا مەكتەپكە كېلەلمىسە، يازما شەكىلدە ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى قوشۇپ ئۆزى قاراشلىق شۆيۈەندىن رۇخسەت سورىشى ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق شۆيۈەن ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. رۇخسەت سورىغان ۋاقتى ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. رۇخسەت سورىمىغان ياكى رۇخسەت سورىغان ۋاقتى ئېشىپ  كەتكەنلەر ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىككەنلەردىن باشقىلار مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

105 يېڭى ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا كىرىشتىن ۋاز كەچتى

ئەنخۇي پېداگوگىكا داشۆسى ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسى يېقىندا «ليۇ فامىلىلىك قاتارلىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرستىكى 105 ئوقۇغۇچىنىڭ